ئاۋىستىرىيە خەۋەر تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇڭ كەيپۇ ئۆلكىسىدىكى قەبىلىلەر 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ‹چوڭ بۇلۇش مۇراسىمى ›ئۆتكۈزگەن بۇلۇپ 30نەپەر بالا‹ خەتنە ›قىلىنغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن ،300دىن ئارتۇق بالا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلغان ،
ئىگىلىنىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى بىر قىسىم قەبىلىلەر 19ياشقا كىرگەن ئوغۇللارنى خەتمە قىلىدىكەن ،جەنۇبىي ئافرىقا سەھىيە مىنىستىرى ئەمەلدارىنىڭ دىيىشىچە بۇ قېتىم ‹خەتمە ›قىلىنغان بالىلار ئىچىدە 30ى ئۆلۈپ كەتكەن بۇلۇپ نۆۋەتتە يەنە 293ئوغۇل بالا سۇسىزلانغانلىقتىن سېپتىتسىمىيە كېسەللىكىگە ۋە بەزىلىرى گانگرېنا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ،بەزى ئوغۇللار كۆپىيىش ئەزالىرىدىن ئايرىلغان ،ھۆكىمەت تەرەپ ئەمەلدارلىرى ئورمانلىققا كىرىپ خەتمە قىلىنغان 10بالىنى قۇتقۇزۇپ چىققان ۋە ئۇلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان .
چۈنكى كەسپىي دوختۇرلار كەمچىل بولغانلىقتىن خەتمە قىلىنغان نۇرغۇن ئوغۇللار ‹گانگرېنا›كىسەللىكى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بۇلىدىكەن ،خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بۇخىل خەتەرلىك ‹خەتمە ›قىلىشىنى توختىتىشنى تەشەببۇس قىلغان .
ئگىلىنىشىچە ،جەنۇبىي ئافرىقىدىكى نۇرغۇنلىغان قەبىلىلەر بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئوپىراتسىيىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇلۇپ بۇلۇپ داۋالاش ۋە ئوپىراتسىيە شارائىتى ياخشى بولمىغان شارائىتتا ‹خەتمە ›ئوپىراتسىيىسىدىن كېيىن ئۆلۈم يىتىم كۆرۈلسىمۇ ئەمما بۇ خىل ئوپىراتسىيە ‹چوڭ بۇلۇش مۇراسىمى›نىڭ بىر تۈرى ۋە‹ قەبىلە مەدەنىيىتى› ۋە ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشىنىڭ بىرقىسمى دەپ قارىلىدىكەن .