ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئاففانسىتان دۆلەتلىك كېڭىشىنىڭ 7-ئاينىڭ 8-كۈنى دېيىشىچە، ئافغانىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار جەنۇبتىكى قەندىھاردا ئافغانىستان پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقنى قولغا ئالغان، ئاڭلاشلارغا ئاساسلانغاندا ئۇ توققۇز ئافغانىستان پۇقراسىنى خورلاش ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا چېتىلىپ قالغان.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان پۇقرالار ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ۋارداك ئۆلكىسىدە تۇرۇشلۇق ئورنىدا يوقاپ كەتكەن. بۇ يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۇلارنىڭ جەسىتى نورسىك رايونىدىكى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ گازارمىسىغا يېقىن جايىدىن تېپىلغان، ھەتتا بىر قىسىم جەسەتلەرنىڭ ئىككى پۇتى كېسىۋېلىنغان. 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنغان قىسقا فىلىمدە كۆرسىتىلىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم قەندىھار ئۆلكىسىدە دەھشەتلىك خورلاشقا ئۇچرىغان.
ئافغانىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يوقاپ كەتكەن پۇقرالارنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئەمما بۇ ئەيىبنامىنى ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئىنكار قىلغان.
بۇ يىلنىڭ دەسلىپىدە، ئافغانىستان پۇقرالىرى قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنى قوللىغان «پىدائىيلار» نىڭ ۋارداك ئۆلكىسىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىنى قاتتىق سۆككەن. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئافغانىستان ئارمىيىسى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ۋارداك ئۆلكىسىدە ئۇزۇن مۇددەت تۇرغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈرگەن.