جۇڭگو ئاخبارات تورى 8- ئىيول تېلگراممىسى . تەيۋەن ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ شىمالىدىكى مەلۇم كەنتتە 92 ياشلىق بوۋاي ، ئۆزىنىڭ 70 ياش كىچىك قىزغا ئۆيلەندى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋاي تويىنى 10 نەچچە ياشلىق ئىككى نەۋرىسىنىڭ تويى بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى .
3يىل بۇرۇن توي قىلىپ 58 يىل ئۆي تۇتقان ئايالى قازا قىلغان مۇجىمى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى يەنە بىر قېتىم توي قىلدى . قىلغاندىمۇ بۇ قېتىم ئۇ 22 ياشلىق قىزنى خۇتۇنلۇققا ئالدى . مۇجىمى توي كۈنى مۇخبىرغا مۇنداق دىدى :" مەن بەك خوشال چۈنكى مەن ئىككى نەۋرەمنىڭ توي مەرىكىسى بىلەن بىللە توي قىلدىم ، ئۆزەمنى خوددى 20 نەچچە ياشلىق يىگىتتەك ھېس قىلىۋاتىمەن " .
مۇجىمى ئۆلۈپ كەتكەن ئايالىدىن 16 قىز ۋە ئوغۇللۇق بولغان ، 4- ئىيول ئۇ ئىككى نەۋرىسىنىڭ تويى بىلەن ئۆزىنىڭ توي مەرىكىسىنى بىللە ئۆتكۈزدى . ئۇنىڭ توي قىلغان نەۋرىسى ئايرىم - ئايرىم 16 ياش ۋە 17 ياش ئۆزى بولسا بىر پۇتى گورغا ساڭگىلاپ قالغان 92 ياشلىق بوۋاي ، تېخى 22 ياشلىق قىزنى خۇتۇنلۇققا ئالغان .
مۇجىمى مۇنداق دىدى :" ئىككى نەۋرەم بىلەن بىر كۈندە توي قىلىشقا نىسىپ بولدۇم ، بۇ مېنىڭ بەختىم ! " بۇ بىر مەيدان بوۋاي بىلەن ئۇنىڭ ئىككى نەۋرىسىنىڭ توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلگەن توي 4 سائەت داۋام قىلدى . بۇ تويغا يەرلىك قەبىلىدىكى ئاھالىلەر ۋە قەبىلە ئاقساقاللىرى قاتناشتى . تويدا تېخى ناخشا مۇزىكا ئۇرۇندىلىپ ، بەك قىزىپ كەتتى .
سابىق مالىيە مىنىستىرى سامىر مىسىرنىڭ ۋاقىتلىق زۇڭلىسى بول...
جەنۇبىي ئافرىقىدىكى قەبىلىلەردە ‹خەتمە ›قىلىش سەۋەبىدىن 30ب...
ئىران ھۆكىمىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى توي قىلىشقا ئىل...
جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىز ئۈستى ھەربىي مانېۋىرى ئەسكەرلەر ئەمەلىي ...
ئافغانىستان تەرەپ ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تەرجىمانلىق قىلغان ...