خەلقئارالىق سوت تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان سۇدان زۇڭتۇڭى ۋەتىنىگە قايتتى

0 2013-07-18 10:19:25   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئىككىنچى تەييارلىق كوللىگىيىسى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى نېگىرىيەدىن، مەزكۈر دۆلەتتە زىيارەتتە بولىۋاتقان سۇدان زۇڭتۇڭى بېشىرنى دەرھال تۇتۇپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بېسىم ئاستىدا بېشىر يىغىن تۈگىمەستىنلا ئالدىراپ-تېنەپ ۋەتىنىگە قايتتى .

  بېشىر دارىفوردا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈش، ئىنسانىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى قاتارلىق كۆپ خىل جىنايەت بىلەن ئەيىپلەنگەن. 2009-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ بىرىنچى تەييارلىق كوللىگىيەسى، سۇدان زۇڭتۇڭى بېشىرنى تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ھەمدە بارلىق «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى رىم ئەھدىنامىسى» گە ئەزا دۆلەتلەر، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئىجىرا قىلىشقا دەۋەت قىلغان. بۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى قۇرۇلۇپ، 2002-يىلى بۇيان تۇنجى قېتىم نۆۋەتتە ۋەزىپىدىكى دۆلەت باشلىقىغا تۇتۇش بۇيرىقى چىقىرىشى ھىسابلىنىدۇ .
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئىككىنچى تەييارلىق كوللىگىيىسى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ «رىم ئەھدىنامىسى» گە ئەزا بولۇپ كىرگەندىن كېيىن، نېگىرىيە ئىزچىل بۇ سوتنىڭ بىر ئەزا دۆلىتى بولۇپ كەلگەن. شۇڭا بۇ دۆلەتنىڭ سوتنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجىرا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ كۆرسەتكەن.
تەييارلىق سوت كوللىگىيىسى يەنە، دارىفور مەسىلىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1593-نومۇرلۇق قارارى ئارقىلىق خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى، «رىم ئەھدىنامىسى»نىڭ 87- نومۇرلۇق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئەھدىنامىغا ئەزا دۆلەتلەر بەلگىلىمە بويىنچە ئىش كۆرمەي، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ھەمكارلىشىش تەلىپىنى ئىجىرا قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، سوت ساقلانغان مەسىلىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، بۇ ئىشلارنى ئەھدىنامىگە ئەزا دۆلەتلەر يىغىنىغا سۇنىدىغانلىقى ياكى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
تەييارلىق سوت كوللىگىيىسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى كاتىبات ئەمەلدارىدىن، بېشىرنىڭ نېگىرىيەگە قىلغان زىيارەت ئەھۋالى توغرىسىدا دوكىلات تەييارلاشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېشىر 14- ئىيول نېگىرىيەنىڭ پايتەختى ئابۇجاغا يېتىپ بېرىپ، ئەيدىز كېسىلى، ئۆپكە توبېركىليوز كېسىلى ۋە بەزگەك كېسىلىنى داۋالاش باش تېما قىلىنغان ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان. ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نېگىرىيەدىن بېشىرنى تۇتۇپ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ خىل بېسىم ئاستىدا، بېشىر يىغىن ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇنلا ئالدىراپ-تېنەپ دۆلىتىگە قايتىپ كەتكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博