<ساخاۋەتلىك كاۋاپچى >ئالىم خالىق 23-ئىيۇل قارىماي شەھىرىدە <ئالىم ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كاۋاپخانىسى >نىڭ 3-شۆبە دۇكىنى ئاچتى .ئۇ شۇ كۈنى قاراماي شەھەر ئاھالىسىگە ئۆز قولى بىلەن كاۋاپ پىشۇرۇپ بەردى ھەمدە خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا 150مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىپ شۇ جايدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ھەربىر ئائىلىگە 10يۈەندىن ئارتۇق ياردەم بەردى .
بۇ دۇكان ئەسلىدە بىر يىمەك -ئىچمەك كارخانىسى ھەمكارلىقىدا ئېچىلغان جامائەت پاراۋانلىق دۇكىنى بۇلۇپ بۇلتۇر 6-ئاۋغۇست تۇنجى <ئالىم ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كاۋاپخانىسى >شەھىرىمىزنىڭ< تۈمۈر يول > غەربى يولىدا ،2-شۆبە دۇكىنى بۇ يىل 18-ئاپرىل شەھىرىمىزنىڭ <قارىماي >غەربىي يولىدا ئېچىلغان ئىدى .ئالىم خالىق مۇخبىرغا مۇنداق دېدى :<ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كاۋاپخانىسىدىن يەنە بىرى كۆپىيىپ ياخشى بولدى مەن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ بۇ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كاۋاپخانىسىنى ئاچىمەن ،مۇشۇنداق بولسا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پۇلى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ ،ئاندىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەردەم قولىمىزنى سۇنالايمىز >
30 يىلدا 700 دىن ئارتۇق غەلىتە ئاپتوموبىل ياسىغان ھىندىستانلى...
10ئۆلكىىدە تېمپىراتورا39سېلسىيە گىرادوسقا،جېجىياڭ سىچۇەنلە...
دۇبەيدىكى باسقۇنچلىققا ئۇچراپ جازا ھۈكۈم قىلىنغان نورۋىگىي...
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدىكى ...
مىسىر ھەربىي تەرەپ مورسىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىسا ئامرى...