كۈنىگە 10 تال تاماكا چېكىدىغان «بەڭگى» تاشپاقا

0 2013-07-26 12:39:08   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  يەر شارى تورىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئامېرىكا «غەلىتە نەرسە تورى» نىڭ 23- ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە كۈندە ئىس- تۈتەك يۈتىدىغان بىر چوڭ دېڭىز تاشپاقىسى بار بولۇپ، بۇ تاشپاقا كۈنىگە 10 تال تاماكا چېكىۋېتىدىكەن. بۇ تاشپاقىنىڭ ئىگىسىنىڭ ئېيتىشىچە، تاشپاقىنىڭ تاماكا خۇمارى تۇتقاندا، ئادەمگە ئوخشاش تىت- تىت بولۇپ كېتىدىكەن، ھەمدە گىژ- گىژ قىلغان ئاۋازنى چىقىرىدىكەن.
  بۇ تاشپاقا قانداقسىگە تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالدى؟ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان تاڭ فامىلىلىك ئاشپەزنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئۇ بۇ تاشپاقىنىڭ ئىشتىھاسىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تاشپاقىنىڭ قورسىقىدا توخۇنىڭ بىر ئۇستىخىنى تۇرۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئاشپەز توخۇ سۆڭىكىنى چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنغاندا، تاشپاقىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ھەمدە ئۇنىڭ بارمىقىنى چىشلىۋالغىلى تاس قالغان. ئاشپەز تاشپاقىنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن، ئىختىيارسىز ھالدا ئاغزىدىكى تاماكىنى تاشپاقىنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويغان. توخۇ سۆڭىكى ئاخىرى تاشپاقىنىڭ قورسىقىدىن چىقىرىۋېتىلگەن، ئەمما تاڭ ئۇستام بۇ تاشپاقىنىڭ تاماكىغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.
  بۇ ئىش يۈز بېرىپ ئەتىسى، بىر كۈن ئىشلەپ ھېرىپ كەتكەن تاڭ ئۇستام ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، تاماكا چەككەچ ئارام ئالغان. تاماكىنىڭ ئىسىنى كۆرگەن تاشپاقا ئۇنىڭ يېنىغا ئۆمىلەپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن تاڭ ئۇستام ئاغزىدىكى تاماكىنى تاشپاقىغا چىشلىتىپ قويۇپ، ئۆزى يەنە بىرنى تۇتاشتۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تاشپاقا دائىم كىشىلەر بىلەن بىللە تاماكا چېكىدىغان بولۇپ قالغان.
  دەسلەپتە بۇ ئىش تاڭ ئۇستام قىزىقارلىق تۇيۇلغان، ئەمما ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆزىنى تاشپاقىنى تاماكىغا خۇمار قىلىپ قويغان گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ قالغان، ئۇنىڭدىن باشقا تاڭ ئۇستام بۇ تاشپاقىنىڭ تاماكا خىراجىتىنىڭ ھۆددىسىدىن ناھايىتى تەستە چىققان. ھازىر تاڭ ئۇستام كۆپچىلىكتىن ئۆزىگە تاشپاقىنى تاماكا تاشلىتىدىغان ياخشى چارە تېپىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر