ئەنگلىيە كوچىلىرى ، باغچىلىرىدا يېتىپ قوپىۋاتقان رومىنيىلىك مۇساپىلار ئەنگلىيە ھۈكۈمىتىنىڭ بېشىنى ئاغرىتتى . ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتى " نىڭ 23- ئىيولدىكى خەۋىرىدە ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ساقچىلار رومىنىيىلىك كۆچمەنلەرنى قوغلاشقا باشلىغان ، 22- ئىيول ئەنگلىيە باغچىسىدىكى گۈللۈكتە رومىنىيىكلەرنىڭ ۋاقىتلىق چىدىرى پەيدا بولدى ، ئۇلار قەغەز يەشەكلەرنىڭ ئۈستىدە يېتىپ ، نەرسە كېرەكلىرىنى قالايماققان قۇيۇپ شەھەر مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى .
خەۋەردە ، ئالدىنقى ھەپتە باشلانغان " تازلاش " تىن كېيىن ئەنگلىيە ساقچى تەرەپ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا 60 نەپەر شەھەر مۇھىتىنى بۇزىدىغانلارنى قوغلىنغان ، بۇنىڭ ئىچىدە 21 نەپەر رۇمىنىيىككە سىش ئايرودورومى ھەقسىز ئايروپىلان بېلىتى بىلەن تەمىنلىدى . بىراق 22- ئىيول ، غايەت زور " تازلاش " خىزمىتى يەنە مەغلۇپ بولدى . بىر قىسىم رۇمىنىيىلىكلەرنىڭ دىيىشىچە ، ئۇلار ئەنگلىيەگە خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇلار خىزمەت تاپالمايلا قالماي يەنە ، ساقچىلار تەرىپىدىن قوغلاندى قىلىنغان . ئۇلار بىر قىسىم ئورگانلارنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىپ خىزمەت ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەپ تېپىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان . بولمىسا باشقا جايغا كۆچۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس دىگەن . باغچا ئەتراپىدىكى ماگزىنلار ۋە ئاھالىلەر شەھەر مۇھىتىنى بۇزغان رۇمىنىيىكلەردىن بىزار بولغان . ئەنگلىيە تەرەپ مۇنداق دىدى : بۇ كۆچمەنلەردە جىنايەت ئۆتكۈزىدىغانلار بار بولۇپ ، ئۇلار جەمئىيەت تەرىتىۋىنى بۇزغۇنچلىققا ئۇچراتتى " .
خەۋەردە دىيىلىشىچە ، ئەنگلىيە 2011- يىلى 11- ئايدىن باشلاپ رومىنىيىلىك كۆچمەنلەرنى " تازلاش " قا باشلىغان . ئالدىنقى ئايدا جەمئىي 43 نەپەر رومىنىيىلىك ئەنگلىيە چېگراسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان .Westminster كومىتىت ئەزاسى Nickie Aiken مۇنداق دىدى :" لوندون شەھىرىدىكى باغچە ، گۈللۈك ، تۈمۈر يوللارنى شەھەر ئۈچۈن ئازراقمۇ تۆھپە قوشمايدىغان ئادەملەرنىڭ ئىگەنلىۋېلىشىغا يول قويساق بولمايدۇ " .
ئەنگلىيە رومىنىيىلىك كۆچمەنلەرگە نىسبەتەن «تازلاش » ئېلىپ ...
سىھرىگەر « بىلى ئۈزۈك » ھالەتتە يولدىن ئۈتۈپ كېتىۋاتقانلارن...
تۈركىيە ئارمىيىسى سۇرىيەدىن كىلىدىغان توپ ئوقىغا تەييارلىق...
ئەنگىلىيە خان جەمەتىدىكى <4ئەۋلادنىڭ بىللە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇر...
ئەنگىلىيىدە يۇقۇرى تېمپۇراتىرا سەۋەبىدىن 760ئادەم قازا قىلد...