تۈركىيە قوراللىق قىسمى باش شىتابى 22-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:" تۈركىيە ئارمىيىسى تەدبىر قوللىنىپ تۈركىيەنىڭ چېگرا بېخەتەرلىكىنى قوغداۋاتىدۇ، شۇنداقلا سۇرىيەدىن كەلگەن توپ ئوقىغا ھەسسىلەپ قايتۇرما زەربە بېرىشكە تەييارلىق كۆرۈپ قويدى ."
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە قوراللىق قىسمى زۆرۈر بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ سۇرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان چېگرا رايون دۇچار بولۇۋاتقان چېگرا ھالقىغان تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئالدى. باياناتتا يەنە مۇنۇلار كۈچلۈك تەكىتلەندى: تۈركىيە ئارمىيە تەرەپ سۇرىيەدىن كەلگەن توپ ئوقى ھۇجۇمىغا ھەسسىلەپ قايتۇرما زەربە بېرىدۇ.
تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى داۋۇت. ئوغلى 19-ئىيۇل ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: " بىز كەلگۈسىدە ھازىرىدىن باشلاپ زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، سۇرىيە چېگرىسىدىن كەلگەن ھەر قانداق ئادەم ياكى ھەر قانداق تەشكىلاتنىڭ بېخەتەرلىك تەھدىتىنى يوقىتىمىز."
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان تۈركىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان سۇرىيە چېگرا رايونىدا كۆپ قېتىم توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نۇرغۇنلىغان پۇقرانىڭ قازا قىلىشىنى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇلتۇر 10-ئاينىڭ 3-كۈنى سۇرىيە چېگرىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىككى دانە توپ ئوقى سانلىئورفا ئۆلكىسىنىڭ ئاكچاكاساي ناھىيىسىگە چۈشۈپ بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى، 10 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
تۈركىيە ئارمىيىسى سۇرىيەدىن كىلىدىغان توپ ئوقىغا تەييارلىق...
ئەنگىلىيە خان جەمەتىدىكى <4ئەۋلادنىڭ بىللە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇر...
ئەنگىلىيىدە يۇقۇرى تېمپۇراتىرا سەۋەبىدىن 760ئادەم قازا قىلد...
ئىسرائىلىيە 80 نەپەر پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قۇيۇپ بېرىدىغان ب...
فىلىپپىن زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى نەچچە مىڭ كىشىلى...
ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋېليامنىڭ خانىمى كەيت بىر ئوغۇل بوۋاق ي...