تۈركىيىلىك ئەر مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا ‹ يۈزىنى ئالماشتۇرۇش ›ئوپىراتسىيىسنى قىلدۇردى

0 2013-07-22 11:44:10   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    خەلقئارا خەۋەرلەرگە قارىغاندا تۈركىيە دېڭىز ئارمىيە دوختۇرخانىسى 18-چىسلا مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا يۈز تېرىسىنى كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسىنى قىلغان ،ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان كىشى تۈركىيىلىك 27ياشلىق رەجەپ بۇلۇپ نۆۋەتتە ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئىكەن ،بۇ تۈركىيە بويىچە 5-قېتىملىق يۈز ئوپىراتسىيىسى ئىكەن .

   18-چىسلا رەجەپ ئۈچۈن ناھايىتى خوشاللىق بىر كۈن بولدى ،پولشالىق ئەزا تەقدىم قىلغۇچىنىڭ تەقدىم قىلىشى بىلەن دوختۇرلار 6سائەت ‹يۈز ئالماشتۇرۇش ›ئوپىراتسىيىسى ئارقىلىق رەجەپنىڭ بۇرنى ۋە پىشانىسىنى يېڭى بۇرۇن ۋە يېڭى پىشانىگە ئالماشتۇردى ،كۆز ۋە قولىقىدىن باشقا ئەزالىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇ يېڭىدىن بىر يۈزگە ئېرىشتى .

   7يىل بۇرۇن 20ياشلىق رەجەپ ئوۋ ئوۋلاۋاتقاندا ئوۋ مىلتىقى پارتىلاپ كېتىپ ئۇنىڭ پۈتۈن يۈزىنى بۇزۇۋەتكەن .ئۇ چىرايىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق بىساتىنى خەچلەپ بولغان ،ئەمما بۇرۇنقى چىرايىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمىگەن ،بىر يىل ئىلگىرى قايتىدىن ئۈمۈدكە تولغان ،بىر نەپەر پولشالىق تۈركىيىگە ساياھەتكە كېلىپ سۇ ئۈزۈۋاتقاندا يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەن ،ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئەزالىلىرىنى رەجەپكە تەقدىم قىلغان .

   ئىگىلىنىشىچە ،‹يۈز ئوپىراتسىيىسى ›نىڭ قىيىنلىق دەرىجى يۇقۇرى بۇلۇپ دۇنيادا مۇۋەپىقىيەتلىك بولغانلىرى ساناقلىقلا ئىكەن .2005-يىلى فىرانسىيىدىكى بىر ئايالنىڭ يۈزىنى باققان ئىتى تاتلاپ بۇزىۋەتكەن بۇلۇپ بۇ دۇنيادىكى تۇنجى يۈنى ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيىسى بۇلۇپ قالغان ،ئۇنىڭدىن كېيىن ئامرىكا ،ئىسپانىيە ۋە تۈركىيەدە 20نەچچە ئادەم يۈزىنى ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيىسىنى قىلدۇرغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博