ۋېنسوئېلا زۇڭتۇڭى مارادو ئۆزىدىن 10 ياش چوڭ قىز دوستى بىلەن توي قىلدى

0 2013-07-18 10:31:35   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  ۋېنسوئېلا زۇڭتۇڭى مارادو 16- ئىيول ئېلان قىلىپ ، ئۆزىنىڭ قىز دوستى Cecilia flores بىلەن توي خېتى ئېلىپ توي قىلغانلىقىنى جاكارلىدى .چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، شۇ يەر ۋاقتى 16- ئىيول ، ۋېنسوئېلا زۇڭتۇڭ مارادو ، ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىدىن 10 ياش چوڭ قىز دوستى Cecilia flores بىلەن قانۇنلۇق ئەر - ئايال بولغانلىقىنى ۋە رەسمىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى .

   خەۋەردە دىيىلىشىچە ، ئۇلار 15- ئىيول كىچىك تىپتىكى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ، پايتەخىت جاكارتانىڭ شەھەر باشلىقى Jorge rodrigues ۋە بىر قانچە دوستلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدا ئىككىسى رەسمىي توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن .

  بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن مارادو قىز دوستى Cecilia flores بىلەن 1992- يىلى تۇنۇشقان ، Cecilia flores ئەينى ۋاقىتتا ۋىنسۇئېلا سابىق زۇڭتۇڭ چاۋس ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتى بولغان . توي قىلىشىتىن بۇرۇن مارادو بىلەن Cecilia flores نىڭ ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىگە 20 يىلىدىن ئاشقان .

    

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博