داڭلىق چاقچاقچىمىز ھىسام قۇربان ئاكىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر كەلدى

0 2013-07-18 11:46:44   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    دۆلەت مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى داڭلىق چاقچاقچىمىز ھىسام قۇربان ئاكىمىزغا < دۆلەت دەرىجىلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسى> دېگەن شەرەپنى بەردى. داڭلىق يازغۇچى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىئىيتىنىڭ رەئىسى مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندى ۋە غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەدىردىن ئەپەندى ھىسام قۇربان ئاكىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، مۇكاپات بويۇمى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى يەتكۈزۈپ بەردى.

   بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئەل سۆيگەن سەنئەتكارىمىز ھىسام قۇربان ئاكىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تىنىنىڭ تېخىمۇ سالامەت، كۈنلىرىنىڭ خاتىرجەم، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى تىلەيمىز.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博