ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مەسچىتلەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى

0 2013-07-17 11:41:21   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن قاتارلىق رەھبەرلەر 12 – ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى قىسمەن مەسچىتلەرگە بېرىپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يوقلاپ ۋە ھال سوراپ، رامىزان ئېيى مەزگىلىدىكى دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى.

   شەۋكەت ئىمىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى باخۇلياڭ مەسچىتى، يەنئەن يېڭى كەنتى مەسچىتى، جىگدىلىك مەسچىتىگە بېرىپ، ما جۈنجيې، ئابدۇكېرىم ئېزىز، ئابدۇۋاھاپ ئابدۇراخمان قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى يوقلىدى، ئۇلارغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى ھەم مەسچىتنىڭ تۈرلۈك پائالىيەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى، نەق مەيداندا تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. شەۋكەت ئىمىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى رامىزان ئېيىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال، تەرتىپلىك بولۇشىغا ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار ئۇزاقتىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە ئاكتىپ ماسلىشىپ، نۇرغۇن پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئاڭلىقلىقىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئىتتىپاق – دوستانە ئۆتۈش، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەشەببۇسىنى پائال تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغداشقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا يېتەكلىشى ۋە تەربىيەلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار بىردەك مۇنداق دېدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، تېگىشلىك رولىمىزنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە زىچ ماسلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى تۇراقلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. ۋەتەننى، دىننى سۆيۈشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى يېتەكلەپ، يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博