قومۇل، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رەھبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى تەڭشەلدى

0 2013-07-17 11:33:39   تەڭرىتاغ تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

نيۇ شۆشىڭ ، مۇتەللىپ توختى قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەتلىكىگە تەيىنلەندى .

قومۇل ھۆكۈمەت تورىدىكى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە ، نيۇ شۆشىڭ قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن ، مۇتەللىپ توختى قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەتلىكىگە تەيىنلەنگەن .

نيۇ شۆشىڭ ئىلگىرى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى ، باش كاتىپ بولغان ، مۇتەللىپ توختى ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان .

ليۇ يۈنفېڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى ، ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى .

ئاقسۇ ھۆكۈمەت تورىدىكى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە ، ليۇ يۈنفېڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى ، ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، ئىدارە باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن .

ليۇ يۈنفېڭ ئىلگىرى تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان .

ياڭ شۆۋېن قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى ، سۇڭ يوۋلى ئەمدى ۋەزىپە ئۆتىمەيدۇ .

2013-يىلى 3-ئىيۇل ئېچىلغان قاراماي شەھىرىنىڭ 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىدا سۇڭ يوۋلىن قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ، ياڭ شۆۋېن قاراماي شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن .

سۇڭ يوۋلى ئىلگىرى قاراماي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان ، ياڭ شۆۋېن ئىلگىرى قاراماي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博