ياشىن تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىللىشىچە ،<شىنجاڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى باشلىنىپ 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن .2013-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئارزۇ تولدۇرۇشتا جەمىي 5قېتىم توردا ئارزۇ تولدۇرۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىكەن .ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر <شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تورى >غا كىرىپ ئارزۇ تولدۇرسا بۇلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە ،ئوقۇغۇچىلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكىمىتى تورى http://www.xinjiang.gov.cn ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى تورى http://www.xjedu.gov.cn ،شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش تورى http://www.xjzs.edu.cn ،شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى http://www.ts.cn قاتارلىق تور بېكەتلىرى ئارقىلىق قۇبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدىكەن .
بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش 10تۈركۈم بويىچە قۇبۇل قىلىنىدىغان بۇلۇپ ،يەنى تۇلۇق كۇرۇس 1-تۈركۈم ۋە 2-تۈركۈم ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش 7-ئاينىڭ 3كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ .نامرات رايۇنلارنىڭ پىلان بويىچە 7-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ .تۇلۇق كۇرۇس 2-تۈركۈم 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە ،تۇلۇق كۇرۇس 3-تۈركۈم 8-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن .شۇنداقلا مەخسۇس كۇرۇس بىرىنچى تۈركۈمنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ،مەخسۇس كۇرۇس 2-تۈركۈم 22-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن .
مۇقىملىقنى قوغداش مەزگىلىدە تاماشا قىلغان باشلىق مەنسەپتىن...
بۇ يىلدىن باشلاپ پەرزەنتلەرنىڭ «ئاتا-ئانىلارنى پات-پات يوقل...
ئامېرىكا ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن جەلىپ قىلىش كۈچى ئەڭ چوڭ ب...
نېگىريەدىكى بىر تۈرمە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىر...
ئافغانىستاندا ئادەم بومبا بەدىنىدىكى بومبا مۇۋاپىقىيەتلىك ...