شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئېچىلدى

0 2013-07-01 11:16:49   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

قەسەمياد يىغىنىدىن كۆرۈنۈش   

    تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : 29-ئىيۇن كەچ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى . ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق مەيدانى ۋە يېكەنكۆل مەيدانى قوللىرىدا قورال تۇتقان قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر–ئەسكەرلىرىنىڭ ‹‹ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ ، باتۇرلۇق بىلەن قۇربان بېرىشتىن قورقماي ، زوراۋان ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىمىز....›› دېگەن جاراڭلىق سادالىرى بىلەن تولدى .

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ مۇھىم سۆز قىلماقتا

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ جيەنجۇ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

    ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى : رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، ئومۇمىيلىق ئېڭى ، سىياسىي ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، ئالدىنى ئېلىپ ، تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ ، زوراۋان ، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ ، ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .

    مېڭ جيەنجۇ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەڭ قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى . ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : كۆپ يىللاردىن بۇيان ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ ، باتۇرلۇق بىلەن ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي كۈرەش قىلىپ ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور تۆھپىلەرنى قوشتى . بۇ ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ، ھالقىلىق پەيتلەردە كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقالايدىغان ، غەلىبە قىلالايدىغان قوشۇن .

    مېڭ جيەنجۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : نۆۋەتتە ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ياخشى . ھەر مىللەت ئاممىسى بىرلىكتە مۇقىم ، ئىناقلىق بولغان ، تەرەققىي قىلغان گۈزەل ۋە بەختىيار تۇرمۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ . ئەمما ، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچلەر›› شىنجاڭنى قالايمىقان قىلىش نىيىتىدىن يانغىنى يوق ، ئۇلار تۈرلۈك ئامال-چارىلەرنى قوللىنىپ ، بۇزغۇنچىلىق ، قالايمىقانچىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ . يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، زوراۋان ، تېررورچىلار قەبىھ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ، ئاساسىي قاتلامدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ، بىگۇناھ ئاممىنى ئۆلتۈرۈپ ۋە يارىلاندۇرۇپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى ، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلدى .

     قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-جەڭچىلىرى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشى لازىم . جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ ، ھۇشيارلىقنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ، 24 سائەت چارلاش ئېلىپ بېرىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشى لازىم .

    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ، دۆلەت كومىسسارى ، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ بىرىنچى سىياسىي كومىسسارى گو شېڭكۈن ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جېڭۋېي قەسەمياد يىغىنىغا قاتناشتى . قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ قوماندانى ۋاڭ جيەنپىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى ، چې جۈن ، بەي جىجيې قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى .

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىلى ، قەشقەر ، خوتەن ، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى . 

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博