تۇرپان پىچان ناھىيەسىدە دېھقان ھاۋاخان ئېتىزلىقتا قوي بېقىۋاتقان چاغدا دوختۇرخانىنىڭ جىددىي تېلفۇنىنى قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ، دېيىشىچە، 15 ياشلىق كىچىك ئوغىلى ئابلىكىم ئىككى بالىنى قۇتقۇزۇدىغان چاغدا سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغان بۇلۇپ تاكى ھازىرغىچە بىھۇش ياتقان. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جىددىي دوختۇرخانىغا چاپقان.
شۇ كۈنى سائەت 17 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەن چاغدا، ئابلىكىمنىڭ قوشنىسىنىڭ ئىككى بالىسى ئەتىراپتىكى بىر بېلىق كۆلچىكىنىڭ ينىدا ئويناۋاتقان بۇلۇپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆلچەككە چۈشۈپ كەتكەن، سۇغا چۈكۈپ كىتىش جەريانىدا بىر ئوغۇل بالا يۇقىرى ئاۋازدا قۇتقۇزۇڭلار دەپ توۋلىغان. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بېلىق كۆلچىكىنىڭ يېنىدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقان ئابلىكىم بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ بېلىق كۆلچىكىگە سەكرەپ چۈشكەن، ئالدى - كەينى بۇلۇپ بۇ ئىككى ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇپ چىققان. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ بەدەن كۈچى بەرداشلىق بىرىپ بۇلالماي سۇدا ئىككى ئۈچ مىنۇت تىركەشكەندىن كېيىن تۇنجۇقۇپ كەتكەن. قۇتقۇزۇپ چىقىلغان بىر بالا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن توۋلىغاندىن كېيىن يىتىپ كەلگەن دېھقان ئابلىكىمنى قىرغاققا تارتىپ چىقارغان ۋە قۇتقۇزۇش ماشنىسى چاقىرغان.
شۇ رايۇنلۇق دوختۇرخانىنىڭ تېخنىكا ئۈسكىنىلىرى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، دوختۇرخانىنىڭ پىكرى ئاستىدا ئانىسى ھاۋاخان ئابلىكىمنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كىلىپ داۋالاش ئېلىپ بارغان.
6-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ مەركىزىي شەھەر گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئابلىكىمنى كۆرگەن، كارۋاتتا ياتقان ئابلىكىم ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل دوختۇرى زولامنىڭ دېيىشىچە؛ ئابلىكىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى بولسا، ئۆپكىسى يۇقۇملانغان، نەپەسلىنىش ئىقتىدارى ئىنتايىن ناچار ئىكەن، ھازىر ۋاقىتلىق نەپەسلىنىش ماشنىسىنى ئىشلىتىدىكەن.
ئانىسىنىڭ دېيىشىچە، 6 يىل بۇرۇن يولدىشى ئىش چىقىرىپ قۇيۇپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن، ئۆينىڭ پۈتۈن ئېغىر يۈكى ئۆزىنىڭ زىممىسىدە قالغان. 5 كۈنلۈك داۋالاش جەريانىدا ئۆيدىكىلىرى 10 مىڭدىن كۆپراق پۇل خەجلەپ بولغان، بۇ پۇل ئىچىدە ئۇنىڭ يىغىپ قويغان پۇللىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ ئىئانە قىلغان پۇللىرى ۋە ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىئانىسى بار ئىكەن. ئۇ ھازىرغىچە دوختۇرخانىنىڭ 2500 يۈەن داۋالاش پۇلىنى تۆلىيەلمىگەن.
قاتار ئەمىرى شەيىخ خاماد 25-ئىيۇن خانلىق ئورنىنى 4- ئوغلى شەي...
گوگۇل پۈتۈن دۇنيا بويىچە بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى پەن تېخنى...
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ئەردوغاننى قوللاش نىسپىتى چۈشكەن بول...
ئەنجىلىنا . جۇلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋسىزلىك كېڭ...
ئىتالىيە سابىق زۇڭلىسى بېرلوسكونى7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈ...
پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇشەررەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قى...