سانجى شەھىرىنىڭ مىئەرگۇ يېزىسىدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 15 ئادەم قازا قىلدى

0 2013-06-19 10:47:18   شىنجاڭ تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    سانجى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىنىشىچە، 18-ئىيۇن سائەت 17:10 دا، سانجى شەھىرى مىئەرگۇ يېزىسىدا پەۋقۇلئاددە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 15 ئادەم قازا قىلغان (نەق مەيداندا تۆت ئادەم قازا قىلىپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىش جەريانىدا 11 ئادەم قازا قىلغان)، 21 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، يارىدارلار  ئۈرۈمچى، سانجى شەھىرىدىكى ھەرقايسى چوڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالانماقتا.

    تەكشۈرۈلۈشىچە، 18-ئىيۇن، سانجى شەھىرى تۇلپار بايلىق بازىرى غەربىي يۇرت ساياھەت شىركىتىنىڭ نومۇر تاختىسى 新A-89385 بولغان 36 ئادەم سىغىدىغان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى ئىجارىگە ئېلىپ، خادىملارنى تەشكىللەپ، سانجى شەھىرىنىڭ مىئەرگۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە كەلگەن . قايتىش يولىدا ناھىيە دەرىجىلىك تاشيول X125 لىنىيەسىنىڭ پەنشەندىن دابەنگىچە بولغان بۆلىكىدە كېتىۋاتقاندا، تۇمانلىق ھاۋارايى سەۋەبىدىن ئاپتوموبىل تاغ يولىدىن سىيرىلىپ كېتىپ، يول بويىدىكى ئازگالغا چۈشۈپ كەتكەن. ۋەقەدە 15 ئادەم قازا قىلىپ، 21 ئادەم يارىلانغان.

    ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرغان. ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جيەنگو دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغان. 

   نۆۋەتتە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قاتناشنى تىزگىنلەپ، نەق مەيداننى قوغداپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا.     

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博