ئىتالىيە سابىق زۇڭلىسى بېرلوسكونى7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىندى

0 2013-06-26 10:20:53   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  شۇ يەر ۋاقتى 24- ئىيون ، ئىتالىيە مىلان سوتى ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى بېرلوسكونىغا 7 يىللىق قاماق جازاسى ھۈكۈم قىلدى ، ھەمدە ئۈمۈر بويى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشنى چەكلەش بويرۇقى بېرىلدى . بېرلوسكونىنىڭ جىنايىتى قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلار بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولۇپ ، ھەمدە خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز قىلمىشىنى يۇشۇرغان . ئىتالىيە تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش دوكىلاتىغا كۆرستىلىشىچە ، بېرلوسكونى ئەينى يىلى 17 ياشلىق ماراكەشلىك قىز لوبى بىلەن كۆپ قېتىم بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولغان . لوبى ئوغرىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ، بېرلوسكونى ئادەم ئەۋەتىپ ساقچىلارنىڭ ئۇنى قۇيۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان . مىلان سوتى بۇ يل بېرلوسكونىنىڭ ئادۋۇكاتى ئوتتۇرغا قويغان ، ئىتالىيە چوڭ سايلىمىدىن كېيىن بۇ دىلوغا قاراپ چىقىش ھەم ھۈكۈم ئېلان قىلىش تەلىۋىنى رەت قىلىپ ، بۇ ھۈكۈمنى ئېلان قىلدى .

شۇ يەر ۋاقتى 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ، ئىتالىيە مىلاندا ، بېرلوسكونىغا ھۈكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، بېرلوسكونىغا قارشى نامايىشچىلار خوشاللىقىدا ۋارقىراپ ، تاقلاپ غەلبە تەنتەنىسىگە چۆمدى .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博