قەشقەر شەھىرى ۋە 6 ناھىيە مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچىرىغان

0 2013-06-21 10:46:33   ياشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  {ئاسيا مەركىزى تورىدا} خەۋەر قىلىنىشىچە، بىر مەيدان مۆلدۈرلۈك ھارا رايى 6 ئاينىڭ 18 كۈنى چۈشتىن كىيىن قەشقەر رايۇنىغا ھۇجۇم قىلدى، شۇ جاينىڭ ئورمان زىرائەتلىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە زىيانغا ئۇچىرىدى.

  تۇلىنىڭ ئەڭ چوڭ دىئامىتىرى 6 سانتىمىتىرغا يەتتى .6 ئايىنىڭ 18 كۈنى سائەت 18 دىن 10مىنۇت 17 مىنۇتلار ئەتراپىدا ، مۆلدۈر ئاۋال پەيزىۋات ناھىيىسىدە چۈشۈشكە باشلىدى، ئاندىن ، سائەت 19 لار ئەتراپىدا قەشقەر شەھەر ئىچى، يۇپۇرغا ، مەكىت ، يېڭىسار، يەكەن قاتارلىق ناھىيەلەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مۆلدۈرلۈك ھاۋا رايى كۆرۈلدى، كۆرسىتىشكە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق مۆلدۈرلۈك ھاۋا رايىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى، كەڭ كۆلەملىك، داۋاملىشىشى ۋاقتى ئۇزۇن ، قىسمەن رايۇنلاردا داۋاملىشىشى ۋاقتى 28 مىنۇت ئەتراپىدا بۇلىدىكەن، بۇقېتىملىق مۆلدۈرنىڭ دىئامىتىرى 6 سانتىمىتىر ، خەتىرى چوڭ، ئاپەت ئەھۋالى تارىختا ئاز ئۇچىرايدۇ،

  6 ئاينىڭ 19 كۈنى مۇخپىر شۇ جاينىڭ ھاۋا رايى ئورۇنلىرىدىن بىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مۆلدۈرلۈك ھاۋا جەريانىدا، پەيزىۋات ناھىسىدە ياققان مۆلدۈر دىئامىتىرى 2.5 سانتىمىتىر، يېڭىسار ناھىيىسىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغقان،

  شۇجاي ھاۋا رايى ئىدارىسى خىزمەتچى خادىمىنىڭ كۈزىتىشىچە، بۇ قېتىملىق مۆلدۈرلۈك ھاۋا رايى جەريانىدا، مەكىت ناھىيەسىدە چۈشكەن مۆلدۈرنىڭ دىئامىتىرى 5 سانتىمىتىر، يەر يۈزىدىكى ھەجىمى بولسا 20 سانتىمىتىر ئەتراپىدا، مۆلدۈر چۈشۈش ۋاقتى 1 سائەتتىن كۆپىرەك.

  چۈشەندۈرۈشكە ئاساسەن ، بۇيىل قەشقەر رايۇنىنىڭ ئۇچىرىغان ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق مۆلدۈرلۈك ھاۋا رايى بولدى، قەشقەر شەھەرلىك ھاۋا رايى ئىدارىسىدىكىلەر 18 چىسىلا سائەت 16 لەر ئەتراپىدا ئالدىدىكى كۈچلۈك ئېقىم ۋە مۆلدۈرلۈك ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمەت بەردى، ھەمدە ھەر قايسى ئورۇن ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەرگە مۆلدۈرلۈك ھاۋا رايىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە ئەسكەرىتتى.

   6 ناھىيە شەھەردىكى ئېتىز ۋە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى زىيانغا ئۇچىرىدى .قەشقەر يېزا ئىگىلىك ئىدارىسىنىڭ تۇرسۇن ئۇلۇغ مۇخپىرغا مۇنداق چۈشەندۈردى؛ بۇ قېتىمقى مۆلدۈرلۈك ھاۋا رايى 6 ناھىيە شەھەرلەرنىڭ 250 مىڭ مو دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى زىيانغا ئۇچىراتتى، بۇلۇپمۇ پاختىنىڭ زىيىنى بىر قەدەر چوڭ،

  پاخىتىدىن باشقا يەنە ، قوناق ،قوغۇن ،سەي-كۆكتاتلارنىڭ ھەممىسنى مۆلدۈر سوقۇپ ئېزىۋەتتى، بۇلۇپمۇ يەكەن، يېڭىسار، پەيزىۋات قاتارلىق جايلارنىڭ ئاپەتكە ئۇچىرىشى بىر قەدەر چوڭ.

  تۇرسۇن ئۇلۇغ يەنە مۇنداق دېدى؛ ئۇلار ئاللىقاچان يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسى ۋە خىزمەتچى خادىملارنى دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇردى، تۇلۇقلاپ تېرىغىلى بۇلىدىغانلىرى تۇلۇقلاپ تېرىلىدۇ، تۇلۇقلاپ تېرىشقا ئامالسىز قالغانلىرى بولسا ، سۇغۇرتا شىركىتىدىن كىلىپ ئىقتىسادى زىياننى تۇلۇقلاپ بېرىدۇ دېدى.

  مەكىت ناھىيەسىدە ئاپەت ئىنتايىن ئېغىر بولدى . بۇ قېتىملىق مۆلدۈر مەكىت ناھىيەسىگە ئەڭ ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلگەن، بۇ 25 يىلدىن بىرى كۆرىلىپ باقمىغان ئاپەت، مۆلدۈرئاپىتىدە يەنە ناھىيىدىكى 35 ئادەمنىڭ يىنىك دەرىجىدە يارلاندى، 2 ئۆينى ئۆرۈلدى ، 56 توياق چارۋۇنىڭ ئۆلدى، زىرائەتلەرگە بولغان زىيىنى 175823 مۇغا يەتتى.

  يۇپۇرغا ناھىيەسىدىمۇ ئاپەت ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر، 6 ئاينىڭ 18 كۈنى سائەت 23 لەر ئەتراپىدا، بۇ ناھىيىنىڭمۇ ئاپەتكە ئۇچىرىغانلار سانى 9579 ئادەم، يارلانغانلار 2 نەپەر، بۇزۇلۇپ كەتكەن ئۆي 119، ئاپەتكە ئۇچىرىغان دېھقانچىلىق زىرائەت كۆلىمى 41541 موغا يەتكەن.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博