بۇ يىلدىن باشلاپ پەرزەنتلەرنىڭ «ئاتا-ئانىلارنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇشى» قانۇنغا كىرگۈزۈلدى

02013-07-03 10:38:02   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، «ئەمگەك توختامى قانۇنى»، «ئەمگەك كۈچى ئەۋەتىش مەمۇرىي ئىجازىتىنى يولغا قويۇش چارىسى»، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «چېگرادىن ئۆتۈشنى باشقۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى قانۇن-نىزاملار رەسمىي يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» 1-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. يېڭى «ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» غا «ئاتا-ئانىلارنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇش» قاتارلىق ياشانغانلارغا پايدىلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى»نىڭ 18-ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئائىلە ئەزالىرى ياشانغانلارنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، سەل قارىماسلىقى، ياشانغانلارنى يالغۇز تاشلاپ قويماسلىقى، ياشانغانلار بىلەن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئائىلە ئەزالىرى ياشانغانلارنى دائىم يوقلىشى ياكى ئەھۋال سورىشى (ئاتا-ئانىلارنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇشى) كېرەك؛ باققۇچى ئىدارىدە خىزمەت قىلىدىغان بولسا، ئىدارە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن باققۇچىنىڭ تۇغقان يوقلاش دەم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر