شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي

23 2013-07-03 11:21:05   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى ھەرىكەت، زوراۋان – تېررورچىلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىنى مەلۇم قىلىشى، پاش قىلىشىغا ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى ››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى›› قاتارلىق ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ئالاھىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

1. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكىتىنى بىلىدىغان ھەر مىللەت ئامما ئاغزاكى، يازما، تېلېفون، ئالاقە تورى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلسا، پاش قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۇلارنى مۇكاپاتلايدۇ، مەلۇم قىلغۇچىلار ۋە پاش قىلغۇچىلارنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەخپىيىتىنى ساقلايدۇ.

2 . زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى دېلولىرىنى پاش قىلىش، زوراۋان تېررورچىلارنى قولغا چۈشۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغانلارغا 50مىڭ يۈەندىن 100مىڭ يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدۇ.

3.زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ مەلۇم قىلمىغان، پاش قىلمىغان، قانات ئاستىغا ئالغان، يوشۇرغان ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

4. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقانلاردىن ئۆزىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەلۇم قىلغانلارغا قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ؛ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان ھەم زور خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسىدە بولغانلارغا قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدۇ ياكى جازا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

5.بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

پاش قىلىش تېلېفونى: 110 (ياكى شۇ جايدىكى ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونى)

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博