مۇقىملىقنى قوغداش مەزگىلىدە تاماشا قىلغان باشلىق مەنسەپتىن ئايرىلدى

0 2013-07-03 10:41:04   شىنلاڭ تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  

    خەلق تورىنىڭ 2- ئىيۇن ئۈچتۇرپاندىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 2- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك كادىرلار يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ليۇ فامىلىلىك باشلىقى مۇقىملىقنى قوغداش مەزگىلىدە ئايالىمغا كېسەلخانىدا يېتىش رەسمىيىتى بېجىرىمەن دېگەن يالغان باھانە بىلەن رۇخسەت سوراپ، ئەمەلىيەتتە سىرتقا چىقىپ تاش تەرگەچكە، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.
    6- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ليۇ فامىلىلىك باشلىقى مۇقىملىقنى قوغداش مەزگىلىدە ئۆز مەيلىچە سىرتقا چىقىپ، ئايالىمغا كېسەلخانىدا يېتىش رەسمىيىتى بېجىرىمەن دېگەن يالغان باھانە ئاقسۇغا بارغان. 30- ئىيۇن، ليۇ فامىلىلىك ئاقسۇ شەھەر رايونىدىكى ئۈچ ئاغىنىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئۈچتۇرپان ناھىيەسىگە بېرىپ، دەريا ساھىلىدىن تاش تىرىۋاتقان چاغدا، ئۇشتۇمتۇت كەلكۈن كېلىپ ئىككى ئادەمنى ئېقىتىپ كەتكەن. ليۇ فامىلىلىك قاپسىلىپ قالغان، كېيىن دەريا بويىدىكى بىر ئاپتوموبىلدا ئارام ئېلىۋاتقان بىر كىشى ساقچىغا ئەھۋال مەلۇم قىلىپ ياردەم تەلەپ قىلغان، كېيىن ئۇ ۋاقتىدا يېتىپ كەلگەن يەرلىك چېگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچىلىرى ۋە قوشنا ناھىيەدىكى يېزا- بازار كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە قۇتۇلۇپ قالغان.
   ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك پارتكوم: ليۇ فامىلىلىك رەھبىرىي كادىر تۇرۇپ نۆۋەتتىكى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرمىگەن، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىگە قارىتا تونۇشى جايىدا بولمىغان، ساختىپەزلىك قىلىپ تەشكىلنى ئالدىغان، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىرتقا چىقىش بەلگىلىمىسى بويىچە رۇخسەت سورىمىغان، شۇنداقلا ئالاقىدار رەھبەرنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە سىرتقا چىقىپ، دوستلىرى بىلەن تاش تىرىپ، ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىققىلى تاس قالغان، ئېغىر سەلبىي تەسىر كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قاراپ، ئۇنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博