‹يەر شارى گېزىتى ›نىڭ ئۈنۋېرسال خەۋىرى ۋە ئەنگىلىيىدىكى ‹كۈندىلىك پوچتا ›گېزىتىنىڭ 21-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئەنگىلىيە يېقىندا 2006-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئىسىىق ھاۋا كىلاماتىغا دۇچ كەلگەن بۇلۇپ كۈندۈزلۈك تېمپۇراتىرا كۆپ قېتىم 30سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقۇرى بولغان ،بۇ خىل يۇقۇرى تېمپۇراتىرا كېلەر ھەپتىغىچە داۋاملىشى مومكىنكەن .ئەنگىلىيە دۆلەتلىك مىتورۇلۇگىيە ئىدارىسى 17-چىسلا لوندۇننىڭ غەربىي جەنۇبىنىڭ تېمپۇراتىراسىنىڭ 32.2گە يەتكەنلىكىنى ئۆلچەپ چىققان .شۇنداقلا بۇ دۆلەتتىكى تارىختىكى ئەڭ يۇقۇرى تېمپۇراتىرا بۇلۇپ قالغان .نۆۋەتتە بۇ خىل يۇقۇرى تېمپۇراتىرا ئەنگىلىيىدىلا بۇلۇپ قالماستىن ئامرىكىدىمۇ كۆرۈلگەن بۇلۇپ نۇرغۇن كىشىلەر يۇقۇرى تېمپۇراتىرا سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن .
يېقىندىن بۇيان ئەنگىلىيە كوچىلىرىنىڭ ھەممىسىدە كىشىلەر يۇقۇرى تېمپۇراتىرا ھەققىدە پاراڭلىشىدىغان بۇلۇپ ئەنگىلىيىدىكى ‹مۇستەققىللىق گېزىتى ›دە دىيىلىشىچە ئەنگىلىيىدىكى يۇقۇرى تېمپۇراتىرادا 760ئادەم قازا قىلغان .بەزى رايۇنلاردا يامغۇر كەمچىل بولغانلىقتىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ،ئالدىنقى چارشەنبىدىن باشلاپ لوندۇندىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى 10نەچچە قېتىم ئوت ئۆچۈرگەن .لوندۇننىڭ شەرقىدىكى ئەف ئورمانلىقىدىكى ئوت ئاپىتىگە 100نەچچە نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى نەق مەيدانغا بېرىپ ئوت ئۆچۈرگەن .
ئەنگىلىيە مۇستەققىل تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ 20-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،بۇ يىل 7-ئاي 60يىلدىن بۇيان ئەنگىلىيىدىكى ئەڭ قۇرغاق بىر ئاي بولغان .يۇقۇرى تېمپۇراتىرا سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر دېڭىز بويلىرىغا بېرىپ سالقىندىغان .ئۆتكەن بىر ئايدا خان جەمەتى دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ دېڭىز بويىدا ۋەزىپە ئجىرا قىلغان قېتىم سانى مىڭدىن 23پىرسەنىتكە يەتكەن .6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە ئەنگىلىيە خان جەمەتى دېڭىز ساقچى ئىدارىسى 2859دىلو بىجىرگەن بۇلۇپ بۇ ئوخشاش يىلدىكىدىن 668ى ئاشقان .
ئەنگىلىيە ‹قوغدىغۇچى ›ژورنىلىغا بېسىلغان ئەنگىلىيە دۆلەتلىك مىتورۇلۇگىيە ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتچىسى نىك .گىلاۋىينىڭ ماقالىسىغا ئاساسلانغاندا ،،بۇ يىل 6-ئايدا ئەنگىلىيىنىڭ ھاۋا تېمپۇراتىرىسى بىر قەدەر ئىللىق ،شاماللىق بۇلۇپ شۇ تىنىچ ئوكياننىڭ سوغاق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئەنگىلىيىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن بولغان .ئەمما 7-ئاي كىرگەندىن بۇيان ھاۋا ئېقىمى شىمالىي يۆلىنىشكە ئۆزگەرگەن ،بۇ ياغماقچى بولغان يامغۇرنى مۇز ئارال ۋە نىۋىيە يېرىم ئارىلىغا يۆتكەلگەن .
‹ئەنگىلىيىدىكى كۈندە تېز خەۋەر ›گېزىتىنىڭ 21-چىسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئەنگىلىيىنىڭ ھازىرقى ماتىماتىكا ۋە قۇرلۇش تېخنىلىسىدىن ياسالغان ئەينەك ۋە پوللاردا ئەنگىلىيە خەلقى قاتتىق ئىسسىقتىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان بۇلۇپ ئەنگىلىيە دىمكوراتلار پارتىيىسىينىڭ رەھبىرى نىكنىڭ دىيىشىچە سالقىن تۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ئىشخانىسىدا ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن .ۋېلىشتا بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كالتە ئىشتان كىيىشنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار كۆينەك كىيىپ نامايىش قىلغان .ئەنگىلىيە مىتورۇلۇگىيە ئىدارىسى كىشىلەرنى ‹قۇياشقا بىۋاستە يۈزلىنىشتىن ساقلىنىشنى ،كۆپرەك سۇ ئىچىپ بېرىشنى ،ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ كۆپرەك دىققەت قىلىشىنى تەكىتلىدى
ئامرىكا CNN نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئامرىكىنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىدىمۇ يۇقۇرى تېمپۇراتىرا كۆرۈلگەن بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغىنى ئامرىكىنىڭ شەرقىي شىمالى ۋە غەربىي قىسمىنىڭ تېمپۇراتىراسى ئەڭ يۇقۇرى بۇلۇپ ئەڭ يۇقۇرى تېمپۇراتىرا 37.8سېلسىيە گىرادۇس .19شىتاتتا يۇقۇرى تېمپۇراتىرا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەن بۇلۇپ يۇقۇرى تېمپۇراتىرا سەۋەبىدىن 6ئادەم قازا قىلغان .ئىگىلىنىشىچە ئولتىرا بىنەپشە نۇرنىڭ تېمپۇراتىراسىنىڭ يۇقۇرلىشى بۇ قېتىمقى يۇقۇرى تېمپۇراتىرا سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ قازا قىلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن .
ئەنگىلىيىدە يۇقۇرى تېمپۇراتىرا سەۋەبىدىن 760ئادەم قازا قىلد...
ئىسرائىلىيە 80 نەپەر پەلەستىنلىك مەھبۇسنى قۇيۇپ بېرىدىغان ب...
فىلىپپىن زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتى نەچچە مىڭ كىشىلى...
ئەنگىلىيە شاھزادىسى ۋېليامنىڭ خانىمى كەيت بىر ئوغۇل بوۋاق ي...
جاڭ چۈنشيەن «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت»نى كۆرگەندىن كېيىن ھەنىپە...
دۇبەيدە بىر كىلوگىرام ئۇرۇقلىغانلارغا بىر گىرام ئالتۇن مۇك...
تالىبان رەھبىرىنىڭ پاكسىتانلىق قىز مالالاغا ئەۋەتكەن خېتى ...