جاڭ چۈنشيەن «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت»نى كۆرگەندىن كېيىن ھەنىپە ئالىماخۇن موماي بىلەن كۆرۈشتى

0 2013-07-23 10:17:34   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   

    7-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە، 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل  بايرىمىدا تونجى مەيدان ئۇسسۇللۇق درامما «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت» ئورۇندالدى. تونۇشتۇرۇشقا قارىغاندا، «تەڭرىتاغقا مۇھەببەت» جەمئىي ئالتە مىللەتتىن بولغان 19 بالىنى باققان چىڭگىل ناھىيىسىدىكى پىنسىيىگە چىققان كادىر ھەنىپە ئالىماخۇننىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئاساس قىلىپ ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇسسۇللۇق دراممىغا دۆلىتىمىزدىكى ئاتاقلىق رىژىسسور، مۇزىكانت، ئۇسسۇل يېتەكچىلىكى قاتناشقان، يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى دىلبەر يۇنۇس ئايال باش پىرسوناژنىڭ رولىنى ئالغان.
     كونسىرت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بېيروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەن ھەنىپە ئالىماخۇن موماي بىلەن كۈرۈشتى ھەمدە قىزغىنلىق بىلەن يۆلەپ ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博