نورۋىگىيىلىك قىز دۇبەيدە باسقۇنچلىققا ئۇچرىغان

0 2013-07-22 12:01:56   جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   25 ياشقا كىرگەن نورۋىگىيىلىك قىز ئەرەب بىرلەشمىسى خەلپىلىكى دۇبەيگە كاماندىروپكىغا كەلگەندە باشقىلار تەرىپىدىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ، يەرلىك ساقچى تەرەپ دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ، قىزنىڭ ئەرزىگە قۇبۇل قىلىش تۈگۈل ، قىزنىڭ پاسپورتىنى مۇسادىرە قىلغان . يەنە تېخى نىكاھلانماي تۇرۇپ يات بىر ئەر بىلەن غەيرى مۇناسىۋەتتە بولغان دەپ 16 ئايلىق رىجىمگە ئېلىش جازاسى ھۈكۈم قىلغان .

   بۇ قىز 3- ئايدا دىلو مەلۇم قىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە تۈرمىنىڭ كىچىك ئۆيىدە سۇلاقلىق تۇرماقتا . كېيىن قىز تۇققانلىرىنىڭ ياردىمىدە نورۋىگىيىنىڭ دۇبەيدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ ، قۇيۇپ بېرىلگەن .

   مۇشۇ ھەپتە ، ھۈكۈم ئېلان قىلىنىپ ، قىز بىر يىل تۆت ئايلىق قاماقتا يېتىش جازاسى بېرىلدى . بۇ جەھەتتە نورۋىگىيە بىلەن ئەرەب بىرلەشمىسى خەلپىلىكى كىلىشىم ئىمزا قىلمىغاچقا ، قىز ئامالسىز دۇبەيدە ھۈكۈمنى ئىجرا قىلىپ قاماقتا ياتىدىغان بولدى .

   بۇ قىز نورۋىگىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دىدى :" ئۇلار ماڭا قانۇنسىز نىكاھلانماي تۇرۇپ ئەرلەر بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولغان ھەمدە ھاراق ئىچكەن دەپ ئېغىر جازا ھۈكۈم قىلماقچى بولدى ، يەنە تېخى مېنى يالغاندىن ئىسپات تەييارلىدى دەپ ئەيىبلىدى " .

   ئىلگىرى قىزنى قالدۇرۇپ قالغان نورۋىگىيە " The sailor " چىركاۋىنىڭ پوپى مېرگىن مۇنداق دىدى :" ئۇ قىز ھازىر ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى ، بىر بۇ ئىشقا قارىتا ئىنتايىن ھەيران قالدۇق ، ھەمدە قىز ئۈچۈن ئەھۋالنىڭ ياخشىلىنىش بولۇشىنى ئۈمىد قىلمىز . بىراق ئەرەب بىرلەشمىسى خەلپىلىكىنىڭ قانۇنى بولسا ئىسلام قانۇنى ، شۇڭا قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈش بۇ دۆلەتنىڭ پىرىنپىسى ، شۇڭا بىزمۇ "ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە " دىگەندە بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنى بويىچە مېڭىشىمىز كېرەك " .

   بۇ قىزنىڭ ئەرەب بىرلەشمىسى خەلپىلىكىدىكى بۇ خىل ھۈكۈمگە ئېلان قىلىنىشى تۇنجى قېتىملىق مىسال ئەمەس ، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاۋىستىرالىيەلىك 27 ياشلىق ئالىسى باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن دىلو مەلۇم قىلغان . بىراق دۇبەي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز نىكاھلانمىغان ئەر بىلەن بىرگە بولغان دەپ ھۈكۈم قىلىنىپ 8 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان .

    ئەرەب بىرلەشمىسى قانۇنى ئىسلام قانۇنى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ . باسقۇنچلىق جىنايىتىگە نىسبەتەن جىنايەت گۇماندارى گۇناھىنى ئىقرار قىلسا ، يېكى تۆتتىن ئارتۇق مۇسۇلمان ئەر باسقۇنچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىگە ئىسپات بولۇشى كېرەك ، بولمىسا ، باسقۇنچىلىق ۋەقەسى دەپ بېكىتلىمەيدۇ .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博