77 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن قاتىل جازا ھۈكۈمىنى ئاڭلاپ كۈلۈمسىرەپ قويدى

0 2012-08-27 11:50:53   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   خەلق تورى ستوكگولم 24- ئاۋغۇست تېلگراممىسى . 8- ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتقان نورۋىگىيە "22- ئىيۇل " پارتىلىتىش ۋە قۇراللىق ئادەم ئۆلتۈرۈش دىلوسىغا ئوسلو يەرلىك سوتى سوت ھۈكۈمىنى ئېلان قىلدى ؛ نورۋىگىيە سوت ئەمەلدارى ئېلان قىلىپ ، 77 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بىروۋېكقا 21 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلدى ؛بۇ نورۋىگىيە قانۇنىدىكى ئەڭ ئېغىر جازا ھىسابلىنىدۇ ؛ بىراق ئۇ بۇ جەرياندا جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈش قىلىمىشى شەكىللەندۈرگەندە جازا مۇددىتى ئۇزارتىلىدۇ دەپ بېكىتىلدى ؛ بۇ ھۈكۈمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بىروۋېك سوتچىغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قويدى ؛ ھەمدە ئوڭ قۇلىنى كۈتىرىپ ئۆزىنىڭ ئوڭ قاناتچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ؛

   بىروۋىك سۇلىنىدىغان تۈرمە ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك سېستىمىسى سەپلەنگەن Oslo ella تۈرمىسى بولۇپ ، بىروۋىك يالغۇز كىشىلىك تۈرمىگە سۇلىنىدۇ ؛ بىراق بۇ يالغۇز كىشىلىك تۈرمە ئۈچ ئىغىزلىق ئۆي بولۇپ ، بىر ئېغىزى مەخسوس كىتابخانا بولۇپ ئىچىگە تىلىۋىزور ، كومپىيۇتېر ( تورلاشمىغان )قۇيۇلغان  ، يەنە بىرى چېنىقىش ئۆيى ۋە ياتاق ئۆيى بولۇپ ، شارائىتى ئىنتايىن ياخشى ؛

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博