ئەنگلىيە " كۈندىلىك تىلگراف گېزىتى " نىڭ 23- ئاۋغۇسىت خەۋىرىدە ، ئوكرائىنا دۆلەتلىك موزىيخانىدا " ئۇخلاۋاتقان ساھىبجامال كۆرگەزمىسى " مۇراسىمى ئۆتكۈزىلدى ؛ بۇ شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ئوغۇللار بۇ مۇراسىمدا ، ئۇخلاۋاتقان بەش نەپەر ساھىبجامالنى سۈيۈپ ئۇيغىتالىسا ، كۆزىنى ئاچقان ساھىبجامال كۆزىنى ئاچقاندىن كىيىن ، بۇ ساھىبجامالنى خۇتۇنلۇققا ئېلىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتسە بولىدۇ ؛ لېكىن ئالدىنقى شەرت يىگىت ھەر قايسى جەھەتلەردىن مۇراسىمنى ئۇرۇنلاشتۇرغان تەرەپنىڭ شەرتلىرىنى تۇلۇق ھازىرلىغان بۇلىشى كېرەك ؛
بۇ قېتىمقى ئۇخلاۋاتقان ساھىبجامال كۆرگەزمىسى 22- ئاۋغۇست باشلىنىپ ، 9- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ ؛ بۇ ئۇخلاۋاتقان ساھىبجامال قىزلارنى ئوكرائىنا دۆلەتلىك موزىي 8- ئاينىڭ باشلىرى قۇبۇل قىلغان ؛ ئۇلار ھەر كۈنى موزىيدا يېتىپ ئۈچ كۈن " ئۇخلايدۇ " . ھەر قېتىمدا 5 يىگىت كۆرگەزمىگە كىرىدۇ ؛
كۆرگەزمىگە كىرگەن يىگىت قىزنى كۆزىتىپ ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىز بولسا قىزنىڭ لىۋىگە سۈيۈپ قىزنى ئۇيغىتىشقا ئۇرۇنۇپ باقسا بولىدۇ ، قىز كۆزىنى ئاچقاندىن كىيىن بۇ ئىككىسى قانۇنلۇق ئەر - خۇتۇن بولۇپ ، قىزنى يىگىت ئۆيىگە ئېلىپ كەتسە بولىدۇ ؛
بۇ كۆرگەزمىنى تەشكىللىگەن ئوكرائىنانىڭ سەنئەتكارى Taras Polataiko مۇنداق دىدى : ' ھەر بىر كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان يىگىت توختاملىشىپ كىرىدۇ ، بۇ ئەڭ مۇھىم ، توختامدا " مەن ئۇخلاۋاتقان ساھىبجامالنى سۈيۈپ ، ساھىبجامال كۆزىنى ئاچسا ، مەن ئۇنى خۇتۇنلۇققا ئالىمەن " دەپ ئىمزا قۇيۇپ بۇ كۆرگەزمىگە قاتنىشدۇ ؛
بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان قىزلارمۇ 18 ياشقا تولغان ، توي قىلمىغان ، بۇ پائالىيەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان قىزلار ئەڭ مۇھىمى توي قىلىش ئارزۇسى بار قىزلار بولۇپ بۇلىشى كېرەك ؛
Taras Polataiko يەنە مۇنداق دىدى : " بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئۇخلاۋاتقان ساھىبجامال قىزلار ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان يىگىتلەرنى ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشىشىنى ئارزۇ قىلىمەن ، ھەمدە بۇ پائالىيتكە قاتناشقان ھەر بىر ئادەمنىڭ توي قىلىش ئىشىنى چوڭ ئىش قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ بۇ پائالىيتىمىزگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن "