ھەقىقىي ئۇچالايدىغان موتوسىكلىت دۇنياغا كەلدى

0 2012-08-24 10:58:31   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     پىلانىتلار ئۇرۇشى 3:سامۇراينىڭ قىساسى> فىلىمىدىكى بىر كۆرۈنۈشتە ئەر باش پېرسوناژ قارشى ئېغىرلىق كۈچى موتوسىكلىتىنى مىنىپ ئورمانلىقتىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ،بۇ خىل ئۇچالايدىغان موتوسىكلىت ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرگەنىدى.يېقىندا ئامېرىكىدىكى بىر پەن-تېخنىكا شىركىتى ھەۋەسكارلارنىڭ بۇ چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ،ئۇچالايدىغان موتوسىكلىتنى ياساپ چىقتى.بۇ خىل <ئۇچار موتوسىكلىت> نىڭ ئاستىدا ئىككى ئايلانما قانات بار بولۇپ،ھەيدىگۈچى ئىككى كونتىروللىغۇچ دەستىسى ئارقىلىق بۇ ئايلانما قاناتنىڭ نۇقتىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئۇنى ئۇچۇرىدىكەن.نۆۋەتتە بۇ موتوسىكلىت كالفورنىيە شىتاتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى موھاۋىي قۇملۇقىدا مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۇچقان،ئۇچۇش ئېگىزلىكى 5 مېتىرغا يېقىنلاشقان، سائەتلىك سۈرئىتى 48 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر