ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى راشىدنىڭ پاكىستاندىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان قىز مالالاغا يازغان خېتى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى قېتىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان. خەتتە، راشىد 2012-يىلى مالالانىڭ تالىباننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىغا نىسبەتەن " چۆچۈپ" كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ ۋەقە يۈز بەرمەسلىكى كېرەك دىگەن ، بىراق مالالادىن كەچۈرۈم سورىمىغان .
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، مالالا ئاشكارا ھالدا دىننى رادىكال كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ، ئاياللارنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىز پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىغان. راشىدنىڭ خەتتە دېيىشىچە، قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەرگىزمۇ مالالانىڭ ئاياللارنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغانلىقىدىن بولمىغان بەلكى ئۇنىڭ خېتىنىڭ تالىبانغا قارشى «ھەرىكەت» پەيدا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان.
بۇ پارچە خەت شەخسى ئۇچۇر شەكلىدە مالالانىڭ خەت ساندۇقىغا ئەۋەتىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا راشىد خېتىدە مالالاغا قارىتا «قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى» دە بولغانلىقىنى بايان قىلغان ھەمدە مالالاغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئۇنىڭ تالىباننىڭ ھەرىكىتىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئېيتقان. خەتنىڭ كەينى تەرىپىدە، راشىد يەنە : «سىز ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئامالنىڭ بارىچە ئىسلام مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە بېرىڭ ھەمدە قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ ئىنسانىيەتنىڭ جىنايەتكار قىلمىشىنى يېزىپ چىقىڭ» دەپ يازغان.
مالالانىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ خەتنىڭ مەزمۇنىنى بىلگەن، ئەمما بۇ خەتنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا تالىباننىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا ئۆزنىڭ ھېچقانداق بىر بايانات ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
12- ئىيول مالالانىڭ 16 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، شۇ كۈنى ئۇ نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش شتابىدا نۇتۇق سۆزلەپ باشقىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىكەن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دوكلات قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى نۇتۇق بولسا ئۇ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئاشكارا نوتۇق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. مالالانىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئاياللار ھوقۇقى ئۈچۈن ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭدىن باشقا، مالالانىڭ مائارىپ ھوقۇقىغا ئېرىشىش مەسىلىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققەت قىلىشىغا ئېرىشىكەن.