پاكىستاندىكى تالىباننىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىختىلاپ ئېغىرلاشتى

0 2013-06-05 12:06:46   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  پاكىستان تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ مۇھىم ھەربىي قوماندانى راھمان ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا كىمنى بەلگىلەش مەسىلىسى ئۈستىدە، تالىبانلارنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئېغىر ئىختىلاپ كۆرۈلگەن، ھەتتا بىر- بىرىگە تىغ كۆتۈرگۈدەك ھالغا بېرىپ قالغان.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى «خىتاب گېزىتى» نىڭ 31- مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، پاكىستان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «زېمىن» قانىلىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 29- ماي، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى شىمالىي ۋەجىرىستان رايونىدىكى بىر ئۆيگە ئىككى دانە راكېتا بومبا ئاتقان، شۇ جايدا تۇرغان تالىبانلارنىڭ مۇھىم رەھبىرى راھمان پارتلاشتا ئۆلگەن. پاكىستاندىكى تالىبانلارنىڭ بىخەتەرلىككە مەسئۇل ئەمەلدارى راھماننىڭ جەسىدىنىڭ 29- ماي كەچتە يەرلىككە قويۇلغانلىقىنى دەلىللىگەن.
  خەۋەردە ئېيتىلىشچە، تالىبانلارنىڭ شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى ھوقۇق ئورگىنى بولغان كېڭەش يىغىنى 30- ماي سايلام ئارقىلىق سەئىدنى راھماننىڭ ۋەزىپىسىگە قويغان، ئەمما مەھسۇد رەھبەرلىكىدىكى پاكىستان تالىبانلىرى مەركىزىي بۈيۈك كېڭەش يىغىنىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان، مەھسۇد نۇرنى تالىباننىڭ شىمالىي ۋەزىرستاندىكى ئەڭ ئالىي رەھبەرلىكىگە قويۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغان. پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر ھەربىي قوماندانىنىڭ ئېيتىشىچە، 2009- يىلى، پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ رەھبىرى بەيتۇللا مەھسۇدنى ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىزباسارىنى تەيىنلەش جەريانىدا ھەر قايسى قوراللىق گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنىكەن. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، راھمان ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىزچىل تۈردە قوغلاپ ئۆلتۈرۈشنى نىشانلىغان شەخس بولۇپ، ئىلگىرى ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە بەش مىليون ئامېرىكا دوللىرى تارتۇق قىلىنماقچى بولغان.

  يەنە بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر قانچە كۈرەشچى ئايروپىلانى 30- ماي تالىبانلىرىنىڭ پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى كالام قەبىلە رايونىدىكى تۆت يۇشۇرۇن جايغا ھۇجۇم قىلىپ، ئاز دېگەندىمۇ 17 نەپەر تالىبان قوراللىق خادىمىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشچە، ئۈچ ھەپتە ئىلگىرى، پاكىستان ھۆكۈمەت ئارمىيەسى مەزكۇر رايونغا كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، 100 دىن ئارتۇق قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، تالىبانلار يۇشۇرۇنغان نۇرغۇن ئۇۋىلار بىتچىت قىلىنغان.

 

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博