ساقچىلار ئايال خىزمەتكار ۋە ئامانلىق قوغداش خادىملىرىدىن ئەھۋال ئىگەللەش ئارقىلىق جىيانى كەچ سائەت 11:00لەر ئەتراپىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى دەپ گۇمان قىلغان، نەق مەيداندىن ۋەسىيەتنامە تېپىلمىغان. مىيىت ھازىر شۇ يەرلىك (Cooper Hospital) دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ جەسەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق قانۇن دوختۇرىنىڭ ئىسپات - دەللىنى كۈتمەكتە .
جىيا ئەنگلىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، يېقىندا ئاپىسى بىلەن ھىندىستانغا كۆچۈپ كەلگەن. «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» ( The Times of India ) تور بېكەتنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، «ئۆزىدىكى پىسخىك ئامىل ئۇنىڭدا خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئۇ يەنە بىر قېتىم كىنو ساھەسىگە قايتا قەدەم بېسىشقا ئۈمىد قىلغان، ئۇدا نەچچە قېتىم فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ بىلەن كېڭەشكەن.» ئۇ ئىلگىرى 2007-يىلىدىكى «سۈكۈتتىكى مۇھەببەت » فىلىمىدا ھىندىستان كىنو-تىياتىر سەھنىسىدىكى داڭلىق ئارتىس ئامىتا باچچان (Amitabh Bachchan ) بىلەن رول ئىلىپ بۇ كىنو ساھەدە ئالاھىدە تونۇلغان . ئاندىن ھىندىستان داڭلىق كىنو چولپىنى ئامىرخان ( Aamir Khan ) بىلەن «بوللىۋوتتىكى خاتىرىلەر » فىلىمىدا رول ئالغان. 2010-يىلى داڭلىق ئارتىس ئاكشاي كۇما ( Akshay Kumar ) بىلەن «مۇھەببەتكە تولغان رومانتىك ئۆي »فىلىمىدە رول ئالغان.
ئامىتابا .باچچان مىكرو بىلوگدا جىئانىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتكەن ھەم " نىمىشقا؟ جىيا.كىخان؟ نىمشقا ئۆلۈۋالدى ؟ راستمۇ- يالغانمۇ؟ ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدۇ!!» دىگەن . جىيا ئىككى ھەپتنىڭ ئالدىدا مىكرو بىلوگدا، «كەچۈرۈڭلار بىر مەزگىل بولدى مەن تورداشلارغا گەپ قىلىپ باقمىدىم، بەزىدە كىشى ئۆزىنى ئارام ئالغۇزۇپ كەيپىياتىنى تەڭشەش كېرەككەن.» دېگەن .
بەك كېلىشكەن بولغانلىقى ئۈچۈن تۇنۇمايدىغان بىر ئايالنىڭ 100 ...
تالىباننىڭ ۋەكىللەر ئۈمىكى ئىرانغا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ب...
ياۋرۇپا كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 4 ئادەم قازا قىلىپ ...
شاھزادە خالىنى ئۆلتۈرمەكچى بۇلۇپ تەھدىد سالغان جىنايەتچى ق...
لىۋىيە خەلقئارا سوتتىن كازافىنىڭ ئوغلى سەيىفنى سوتلاشنى تە...