ئاقساراي يېقىندا زۇڭتۇڭئوباما بىلەن ئۇنىڭ رەپىقىسى مىچىلنىڭ 2012-يىللىق مال-مۈلكىنى ئاشكارلىدى، ئامېرىكىدىكى بۇ 1-ئائىلە كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. ئۇلار 2005-يىلى چېكاگودىن بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۆي قەرزىنى تۆلەۋېتىپتۇ.
ئاقسار ئېلان قىلغان سانلىق مەماتقا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن ئۇنىڭ رەپىقىسى مىچىلنىڭ 2012-يىلىدىكى مال-مۈلكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليون 600 مىڭ دوللاردىن 8 مىليون 300 دوللارغىچە بولغان. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ مالىيە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش چوڭ ئۇقۇم بولغاچقا، ئامېرىكىدىكى بۇ 1-ئائىلىنىڭ بايلىقنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى يەنىلا بىر مەخپىيەتلىك. ئوباما زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يىللىق مائاشى 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئۇلار بۇ مائاشقا تايىنىپ مىليونېرلار كۇلۇبىغا كىرەلىشى تەس.