تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ توپىلاڭنى ‹‹قورال كۈچى بىلەن باستۇرغانلىقى›› ئەيىبلەندى

0 2013-06-05 11:08:54   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  تۈركىيەدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: <<چېقىپ كۆچۈرۈشكە قارشى تۇرۇش نامايىشى باھايىتى تېزلا ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك توپىلاڭغا ئۆزگىرىپ كەتتى، بۇنداق ۋەقە تېخى تۈركىيە تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان>>. تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى__ ئىستانبولدا باشلىنىپ پۈتۈن مەملىكەتكە ياپرىغان بۇ توپىلاڭ 2-ئىيۇن ئاستا-ئاستا تىنچىپ قالغان. تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ توپىلاڭنى <<قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇشى>> ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەقلئارا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. قاتاردىكى <<جەزىرە>>تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بىكېتىنىڭ ئالدىنقى كۈندىكى تەھلىلىدە مۇنداق دېيىلدى: <<ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان ئىچىكى زىددىيەت بۇ قېتىمقى توپىلاڭنىڭ كۆتۈرۈلۈشىدىكى ئاساسلىق ئامىل. بۇ قېتىمقى توپىلاڭ ئەردۇغاننىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى يوققا چىقاردى>>.

  كەڭ كۆلەملىك توپىلاڭنىڭ پەيدا بولىشىغا ھۆكۈمەتنىڭ ئىستانبولدىكى تاكسىم مەيدانىغا جايلاشقان غازى باغچىسىنى چېقىپ ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقى سەۋەب بولغان. تاكسىم مەيدانى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان ئىستانبولنىڭ ۋەكىل خارەكتىرلىك مەيدانىدۇر. <<يەر شارى ۋاقتى گېزىتى>> نىڭ مۇخبىرى يېقىندا تۈركىيەنى زىيارەت قىلغىلى بېرىپ، تاكسىم مەيدانى ئەتراپىدىكى بىر مېھمانخانىغا چۈشكەن، بۇ جاي ئىنتايىن ئاۋات بولۇپ، ماڭدامدا بىر دۇككان ئۇچرايدىكەن، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن، كونا زاماننى ئەسكە ئالىدىغان رېلىسلىق تىرامۋاي دەل شۇ مەيداندىن يولغا چىقىپ، شۇ ئەتراپتىدىكى پىيادىلەر يولىدىن ئۆتىدىكەن، بۇ تىرامۋايغا چىققانلار ئۆزىنى خۇددى كونا زامانلارغا كېلىپ قولغاندەك ھېس قىلىدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ پىلانىغا ئاساسەن، بېيجىڭدىكى ۋاڭفۇجىڭغا ئوخشاش كېتىدىغان بۇ رايوندىكى چوڭ تىپتىكى مال سېتىچېلىش مەركىزى ۋە ھەربىي لاگېر سېلىش قۇرۇلۇشى بولتۇرنىڭ ئاخىرى باشلىنىپ بولغان.

   ھۆكۈمەت 31-ماي دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ، تاكسىم مەيدانى ئەتراپىدىكى غازى باغچىسىنى ۋەيران قىلىۋاتقاندا، خەلق بۇنىڭغا نارازلىق بىلدۈرگەن. تۈمەنمىڭ ئادەم مەيدانغا ۋە ئەتراپتىكى ساسلىق كوچىلارغا نامايىش قىلغان ھەمدە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. ساقچى دائىرلىرى يۇقىرى بېسىملىق سۇ تاپانچىسى، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، قارىمۇچ پۈركىمىسى قاتارلىق قوراللارن ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرغان.

   قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى 1-ئىيۇندىن باشلاپ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يامراپ، پايـتەخىت ئەنقەرە قاتارلىق جايلاردا 235 قېتىم نامايىش بولغان. ئۇلار <<شەھەر مەيدانىنى ۋەيران قىلماڭلار>>، <<ئەردۇغان ئۇچىغا چىققان مۇستەبىت>> دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئانتالىيە، ئىزمىر ۋە كونيا قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ نامايىش بولغان، نيۇيورك ،لوندون، بېرلىن قاتارلىق شەھەرلەردە مەدەت بېرىش يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن.

   تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرى ئالدىنقى كۈنى ھەرقايسى دائىرىلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا نامايىش كۆتۈرۈلگەن نەق مەيداندىن چېكىنگەن. تۈركىينىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇنداق دېدى: <<ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە 1730 ئادەم قولغا ئېلىنغان، 79 ئادەم يارىلاندى>>. زۇڭلى ئەردۇغان مۇنداق دېدى: <<رادىكال كۈچلەر تاكسىم مەيدانىدىكى نامايىشتىن پايدىلىنىپ ئىش تېرىسا چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ. ئەگەر 100 ئادەم بىرلىشىپ نامايىش ئۆتكۈزسە، مەن 1 مىليون ئادەم بىلەن بۇ نامايىشچىلارغا تاقابىل تۇرىمەن>>.

   تۈركىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ توپىلاڭنى <<قورال كۈچى بىلەن باستۇرىشى>> تۈركىيە خەلقىنى، شۇنداقلا يەنە دۇنيانى زىلزىلگە سالغان، ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ قىسمەن نامايىشچىلارنىڭ كۆزىگە كاۋچۇك ئوق تېگىپ قارىغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تالاپەتكە ئۇچۇرغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئىلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. بىراق ھۆكۈمەتنىڭ مۇتەئەسسىپلەر ئارىسىدىكى قوللاش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئەردۇغا 1-ئىيۇن مۇنداق دېدى: <<تاكسىم مەيدانىنى قايتا ئېچىش پىلانى داۋاملىشىدۇ>>.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博