ئىستانبۇلغا نەزەر

0 2013-04-18 09:43:33   سوخۇ تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    

    ئىستانبۇل (Istanbul) تۈركىيەنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىگە جەلپ قىلغان نوپۇسنىڭ ئېغىرلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھازىرمۇ يەنىلا يېزا نوپۇسلىرى يۆتكىلىدىغان ئاساسلىق مەنزىلدۇر. 20 يىلدىن بۇيان، قالايمىقان شەھەرلىشىش تەرەققىياتى ئىستانبۇلدا كەڭ كۆلەملىك قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەيدا قىلدى، باي-نامراتلىق پەرقى كۈنسېرى چوڭايدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر مەنزىرىسىمۇ توختىماي ئۆزگىرىپ، ئەتراپتىكى مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.

   نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشىنى كونترول قىلىدىغان يېتەرلىك ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش لايىھەسى كەمچىل بولغاچقا، شەھەر ئۆزگىرىش تىپى شەھەر سىستېمىسىدىكى ئەڭ نامرات كىشىلەر توپىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ھازىرقى ھۆكۈمەت كۈچ چىقىرىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە تەرەققىيات نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىدۇ. قۇرۇلۇش ئىش مەيدانلىرىنى شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئالقىشلىنىدىغان بەزى تارىخىي جايلار شەھەر مەركىزىدىن ‹‹ھەيدەپ›› چىقىرىلىپ، قايتا قۇرۇلدى. ئىستانبۇلنىڭ ئۆزگىچە ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تەرەققىيات مۇھىتى ئۇنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىنتايىن تېزلەشتۈرۈۋەتكەن، ھالبۇكى بۇ شەھەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا چىقارغان قارارى شەھەرنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.

   فوتوگراف Raphaël Fournier ئىستانبۇلنىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ خاتىرىلىگەن. ئۇ فىرانسىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ، بىر تىلشۇناسلىق ماگىستىرى، ھازىر ئىستانبۇلدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. ئۇ ‹‹دەۋر›› ژۇرنىلىنىڭ فوتو سۈرەت بۆلۈمىدە پىراكتىكا قىلغاندىن كېيىن، فوتو سۈرەتچىلىك خىزمىتىگە ئالمىشىپ، مەخسۇس شەھەر مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىش تىپى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە نەزەر ئاغدۇرغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللارغا بېسىلغان. 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博