مىركىل تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى

164 2013-02-27 10:28:13   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيىسى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
گېرمانىيە زۇڭلىسى مىركىل 24-فېۋرالدىن باشلاپ تۈركىيەدىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى . بۇ مىركىلنىڭ زۇڭلى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان 3–قېتىم تۈركىيەنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .

    مىركىل تۈركىيەگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ تۈركىيە–سۇرىيە چېگرىسىدىكى كاخرامانماراشقا بېرىپ ، بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ، گېرمانىيە تەمىنلىگەن ‹‹ ۋەتەنپەرۋەر ›› ناملىق ئىككى يۈرۈش ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەن . بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىلار موشۇ ئاينىڭ بېشىدا ھەممسى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرگەن . ئاندىن مىركىل يەنە تۈركىيەدىكى داڭلىق ساياھەت نۇقتىسى بولغان Cappadocia نى زىيارەت قىلغان . 25-فېۋرال چۈشتىن كېيىن ، مىركىل تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان بىلەن بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن ھەمدە سۆھبەتتىن كېيىن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان .

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60–يىللىرىدىن باشلاپ ، تۈركىيە ‹‹ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ›› كە ئىلتىماس قىلىشنى باشلىغان ئىدى ، لېكىن تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش سۆھبىتى ئىزچىل تۈردە كەينىگە سۈرۈلۈپ 2005–يىلىغا كەلگەندە رەسمىي باشلانغان . ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى يادرولۇق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى ۋە سىپرۇس مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش بولغاچقا ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى سۆھبەتلەردە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغان . بۇنىڭغا تاقەت قىلالمىغان تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردوغان ، ئەگەر 2023–يىلى تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت ئورنىغا ئېرىشەلمىسە ، ياۋروپا تۈركىيەدىن ئايرىلىپ قالىدۇ ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博