تۈركىيە ئالىملىرى3D تېخنىكىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ تېرىسىنى تەقلىد قىلىپ ياساشتا مۇۋەپپەقىيە قازاندى

433 2013-03-01 09:47:18   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

       تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە ئالىملىرى 3D تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ تېرىسىنى تەقلىد قىلىپ ياساش تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

  ئىنسانلارنىڭ تېرىسى ئېغىر دەرىجىدە كۆيگەندىن كېيىن، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ناھايىتى قول تۇتىدىغان ئىش بولۇپ، بۇنىڭدا كېسەلنىڭ بەدىنىدىن تېرە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر كېسەلنىڭ تېرىسى چوڭ كۆلەمدە كۆيۈپ كەتكەن بولسا، بىمارنىڭ بەدىنىدىن كۆچۈرۈشكە بولىدىغان تېرە تېپىلماسلىقتەك قىيىن ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. يېقىندا، تۈركىيەنىڭ پەن-تېخنىكا تەتقىقات كېڭەش مەجلىسى مەزكۇر تەشكىلات قوللىغان «تېز سۈرئەتلىك ئەسلى تىپ لايىھەسى ۋە كومپىيوتېرنىڭ ياردىمىدە تېز سۈرئەتتە ئىشلەپچىقىرىش» ناملىق تەتقىقات تۈرىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىنسانلار تېرىسىنى كۆچۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

  نۆۋەتتە، بۇ خىل يېڭى تېخنىكا ئاق چاشقان تەجرىبىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇپ، ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە كىلىنكىدا قوللىنىلىشى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ تەتقىقات تۈرىگە مەسئۇل لاسئولۇ دوكتور، بۇخىل تېخنىكىدا كېسەلنىڭ بەدىنىدىن بىر كىچىك پارچە تېرە ئەۋرىشكىسى ئېلىنغاندىن كېيىن تەقلىد قىلىپ ياسىلىپ بىمارنىڭ كۆيۈپ كەتكەن يارىسى دەل ۋاقتىدا داۋالىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تېرە كۆچۈرۈشتىن باشقا، لاسئولۇ دوكتور يەنە خىمىيە ۋە بىئولوگىيە ساھەلىرىدىكى ئوقۇتۇش خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەجرىبىخانا مۇھىتىدا ئىنسانلارنىڭ سۆڭىكىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، كەلگۈسىدە، تىببىي خادىملار يېڭى سېستىمىدىن پايدىلىنىپ، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئۇستىخانلارنى ئېلىكتىرونلۇق ھېسابلاش ئۈزۈلمە قاتلام تەسۋىرى چۈشۈرۈپ، ئاندىن ئۈچ ئۆلچەملىك رەسىم لايىھەسىگە ئاساسەن كۆچۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاغرىقلارنى دەل ۋاقتىدا داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博