تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ باش مۇدىرى شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

0 2013-03-22 09:52:15   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      شۇ يەر ۋاقتى 20-مارت چۈشتىن بۇرۇن ، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئورگىنى (قىسقارتىلىپ TRT دېيىلىدۇ ) نىڭ باش مۇدىرى ئىبراھىم ساسىن TRT نىڭ باش ئىشتابىدا تەكلىپكە بىنائەن ، ‹‹نورۇز بايرىمى›› نى تەبرىكلەش ئويۇش قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى تۈركىيەگە كەلگەن جۇڭگو شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى .

   ئىبراھىم ساسىن ئالدى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى . ئۇ مۇنداق دېدى : بۇلتۇر تۈركىيە زۇڭلىسى ئەردۇغان جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا مەنمۇ ھەمراھ بولۇپ شىنجاڭغا بارغىنىمدا ، شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرگەنىدىم ، سەنئەتكارلارنىڭ ئېسىل نومۇرلىرى بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى ، زۇڭلى ئەردۇغانمۇ ئىنتايىن خۇشال بولغانىدى ھەمدە بۇ ئۆمەكنى تۈركىيەدە ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ قىلىپ ، تۈركىيە خەلقنى شىنجاڭنىڭ ئېسىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى . بۇ قېتىم TRT زۇڭلى ئەردۇغاننىڭ ھاۋالىسى بويىچە ، شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىدۇ .

   جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەلچى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ۋاڭ شاۋنىڭ ، مەسلىھەتچى شۈ جيەن ، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئورگىنى AVAZ قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى ئادنەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

   تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئورگىنى (قىسقارتىلىپ TRT دېيىلىدۇ ) نىڭ باش مۇدىرى ئىبراھىم ساسىن (ئوڭدا) جۇڭگو شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى زو فېڭ (سولدا) بىلەن بىللە

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博