ئىران بىلەن پاكىستان چېگرىسىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 45 ئادەم قازا قىلدى

0 2013-04-17 12:13:35   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

پاكىستاننىڭ كاراچىدا، يەر تەۋرەشنى سەزگەن ئامما كوچىلارغا چىقىپ پاناھلاندى

  دۇبەيدىكى ئامما يەر تەۋرەشنى سەزگەندىن كېيىن كوچىلارغا چىقىۋالدى. بېيجىڭ ۋاقتى 16-ئاپرېل سائەت 18:44 ئۆتكەندە، ئىران بىلەن پاكىستان چېگرىسىدا 7.8 بال يەر تەۋرىدى

   چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران بىلەن پاكىستاننىڭ چېگرىسىدا يۈز بەرگەن 7.8 بال يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 45 ئادەم قازا قىلغان. بىر قىسىم قۇرۇلۇشلار ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. خەۋەر قىلىنىشچە، بۇ ئىراندا يېقىنقى يېرىم ئەسىردىن بۇيان يۈز بەرگەن كۈچلۈك بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش بولۇپ، ھىندىستان بىلەن دۇبەيدىمۇ كۈچلۈك تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلگەن.

  ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئىراندا 40 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، يارىلانغانلار توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوقكەن. پاكىستان تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە  پاكىستاندا بەش ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، 25 ئادەم يارىلانغان.  ئىراندىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى نەچچە يۈزگە يېتىشى مۇمكىنكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博