ئىككى كۈندە شىنجاڭدا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىملىق پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىسى يۈر بەردى

0 2013-04-16 10:16:07   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  شىنجاڭ ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ 14-ئاپرېل كەچ ئېلان قىلىشىچە، 2013-يىلى 13-ئاپرېلدىن 14-ئاپرېلغىچە بولغان ئىككى كۈن ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە قومۇلدا ئارقا-ئارقىدىن (بىر قېتىمدىلا بەشتىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان) پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، جەمئىي 17 ئادەم قازا قىلغان، يەتتە ئادەم يارىلانغان.

   13-ئاپرېل سەھەر سائەت 5:35 لەردە، مىرئامىل ھەسەن ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەن 新P01296 نومۇرلۇق (ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسى) خوندا ماركىلىق پىكاپ دۆلەت يولى 314-لىنىيەسىنىڭ 1393 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە (ئاتۇش شەھىرىگە قاراشلىق) غەربتىن شەرققە ماڭغان يۆنىلىشتە كېتىۋاتقاندا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، پىكاپتىكى ئالتە ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان، پىكاپ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان.

   14-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:58 لەردە، 新P-07271 نومۇرلۇق ئېغىر تىپلىق يۈك ئاپتوموبىل G30 لىنىيەسىنىڭ 4126 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە غەربتىن شەرققە كېتىۋاتقاندا، ئاپتوموبىلنىڭ تورمۇزىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكتىن، ئۇدۇلدىن كېلىۋاتقان 新E-05931 نومۇرلۇق ئادەتتىكى يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئالتە ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان، بىر ئادەم يارىلانغان.

  14-ئاپرېل سەھەر سائەت 6:55 لەردە، ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى G30 لىنىيەسىنىڭ 3085+300 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدە (قومۇل شەھىرىگە قاراشلىق) 甘K13686 نومۇرلۇق ئوتتۇرا تىپلىق ئادەتتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى (ئاپتوبۇستا 11 ئادەم ئولتۇرغان) شەرقتىن غەربكە كېتىۋاتقاندا، مەشغۇلاتتىكى خاتالىق سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئىككى ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان، ئۈچ ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، بەش ئادەم يارىلانغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博