H7N9 تىپلىق قۇش زۇكىمىنىڭ تەسىرىدە، شاڭخەي، نەنجىڭ قاتارلىق جايلاردا تىرىك قۇش سودا بازارلىرى تاقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. ئۈرۈمچىدە، گەرچە بۇ خىل قۇش زۇكىمى بايقالمىغان بولسىمۇ، بىراق، تىرىك قۇشلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئازايدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىرىك توخۇ ئاساسلىق ماتېرىيال قىلىنىدىغان چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى، كاۋاۋىچىن تەملىك توخۇ، توخۇ كاۋىپى قاتارلىق تاماقلارنىڭ سېتىلىشىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىدى.
لىنچىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى-تىرىك توخۇ توپ تارقىتىش بازىرى ۋە بېييۈەنچۈن تىرىك توخۇ توپ تارقىتىش بازىرى ئۈرۈمچىدىكى تىرىك توخۇ سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىككى چوڭ بازار بولۇپ، 7-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12دە، مۇخبىر بۇ بازارنىڭ بۇرۇنقىدىن چۆلدەرەپ قالغىنىنى، سودىگەرلەرنىڭ توپلىشىپ پاراڭلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
‹‹ھازىر بازار بۇرۇنقىدەك ئەمەس، بۇرۇن بىر كۈندە 100دىن ئارتۇق توخۇ ساتساق، ھازىر 20~30نى ئاران ساتالايمىز›› دېيىشتى ئۇلار. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ توخۇلار مىچۈەن، ئەنەنچۈ، سانجى قاتارلىق جايلاردىن ئېلىپ كېلىنگەن، كارانتىندىن ئۆتكەن لاياقەتلىك توخۇلار بولسىمۇ، بىراق،خېرىدارلار يەنىلا توخۇ يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايۋېتىپتۇ. نۇرغۇن سودىگەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، توخۇ گۆشىنىڭ باھاسىمۇ ئىككى يۈەن ئەتراپىدا چۈشكەن.