يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىغىمى زور تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى(قىسقارتىپBRT دېيىلىدۇ) قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى مۇكاپاتى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەستىقى بىلەن 2012 – يىللىق جۇڭگو ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ئۈلگە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرغا قەدەر جۇڭگولۇقلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى نەمۇنىسى مۇكاپاتىغا 10 – قېتىم ئېرىشىشى ئىكەن.
ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزىلارنى سىستېمىلىق پىلانلىشى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچى شەھىرىنى خەلقئارا شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ نىشانغا يېتىشنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنىڭ بىرى شەھەر قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش. ئۈرۈمچى شەھىرى 2011 – يىلىBRT قۇرۇلۇشىنى باشلىغان ۋە يولغا قويغاندىن بۇيان، ھازىر قۇرۇلۇپ بولغان BRT نىڭ 1 – ، 2 –، 3 –، 5 – لىنىيەسىدە كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يولۇچى توشۇش مىقدارى 300 مىڭ ئادەم(قېتىم) بولۇپ، كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقىدىغانلار ئومۇمىي سانىنىڭ %14تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. پىلانغا ئاساسەن ئۈرۈمچى شەھىرى قۇرماقچى بولغان يەتتە BRT لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 130 كىلومېتىر.
ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدەBRT نىڭ پۈتۈپ يولغا قويۇلۇشى يولۇچىلارنى زور مىقداردا توشۇپ، مۇھىتنى ئاسراپ، تەبىئىي بايلىقنى، ئاھالىنىڭ سىرتقا چىقىش ۋاقتىنى تېجەپ، شەھەر قاتنىشى قىستاڭچىلىقىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ قېتىمقى جۇڭگو ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى نەمۇنىسى مۇكاپاتىنى باھالاش جەريانىدا دۆلەت تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مۇنداق قارىدى: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭBRT قۇرۇلۇش تۈرى شەھەر بويىچە مۇھىم يولۇچى توشۇش كارىدورىنىڭ كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرۇپ، قىشتىكى سوغۇق كىلىمات شارائىتىدا شەھەر ئاھالىسىنىڭ كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقىش، ئىسسىنىش ۋە ئاپتوبۇسنىڭ بىخەتەر قاتناش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئېلىمىزدىكى شەھەرلەرنىڭ يەر يۈزى ئاممىۋى قاتنىشىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدى.
ۋوللىۋوتنىڭ 10 داڭلىق ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەر ئارتىسى باھالاپ ...
ياپونىيىدىكى بىر ئەر دۇنيا بويىچە تۈرمىدە ياتقان ۋاقتى ئەڭ ...
چاۋشيەن ئىلگىرى ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رە...
ئىراننىڭ جەنۇبى قىسمىدا 6.3 بال يەر تەۋرەپ، كۆپ قىسىم دۆلەتلە...
ئەرەب خاككىرلىرى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەت توربېكەتلىرىگە ھۇجۇم ...
ئالما شىركىتى جۇڭگولۇق ئىستىمالچىلاردىن ئەپۇ سورىغان ۋە يې...