2013-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى ئاخبارات خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو ھۆكۈمەت تەرەپ تور بىكىتىدە ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى بارلىق ئالما مەسھۇلاتىنى ئىشلەتكەن ئىستىمالچىلاردىن ئەپۇ سورىغان دەپ ئېلان قىلغان.
ئالما شىركىتى جۇڭگولۇق ئابۇنىتلارنىڭ رېمنۇت قىلىش ۋە ئاسىراش سىياسىتى ئۈستىدە قاتتىق ئويلاندۇق، شۇنىڭ بىلەن بىرگە iPhone 4 ۋە iPhone 4S يانفۇنىنىڭ رىمنۇت قىلىنىش سىياسىتىگە تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز. ئىستىمال قىلغۇچىلار 15 كۈن ئىچىدە بىرەر مەسىلە بايقىسا ئالما يانفۇنىنى قايتۇرسا ياكى باشقا يېڭى بىرسىگە ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1 يىللىق رىمنۇت قىلىش ۋاقتىنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ، لېكىن بۇ يېڭىدىن يولغا قۇيۇلغان سىياسەت iPhone 5 يانفۇنى بىلەن مۇناسۋىتى يوق دېگەن.
ئالما شىركىتى ئەڭ ياخشى مۇلازىمەت ۋە ئەڭ ياخشى مەھسۇلات بىلەن ئىستىمالچىلارنى تەمىنلەش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ پىكىر تەلەپلىرىنى ۋە ئارزۇسىنى ئامال بار ئەمەلگە ئاشۇردىغانلىقىنى ئېيتقان.
ھازىر ئالما شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت جەھەتتىكى خىزمىتى ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپ ھەر قانداق بىر ئالما تۈرىدىكى مەھسۇلاتنى ئىشلەتكۈچىنىڭ مەھسۇلاتىدا مەسىلە كۆرۈلسە ئالما مەھسۇلاتىنى ساتىدىغان دۇكانلارغا بارسىلا بۇلىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالما شىركىتى ئىستىمالچىلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلسۇمۇ بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، بۇلۇپ سىز پەقەت www.apple.com.cn/support/service/feedback/ تورىغا چىقسىڭىز ئالاقىلاشالايدىكەنسىز.
ئالما شىركىتى بۇنىڭدىن باشقا يەنە كەڭ ئىستىمالچىلاغا ئالما مەھسۇلاتىنى قولىغانلىقىغا ۋە ئىستىمال قىلغىنىغا رەھمەت ئېيتقان.