19 ياشلىق ئالىم بالا

0 2013-04-08 11:40:23   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
   2013-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرى، 19 ياشلىق تەيلىر.ۋېيئېرسېن پەن-تېخنىكا، مۇزىكا، لايىھەلەش چوڭ يىغنىنىڭ سەھنىسىدە تۇرۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۇقىرى دەرجىلىك ئالىملارغا ۋە كارخانىچىلارغا ئۆزى لايىھەلىگەن كىچىك تىپتىكى يادىرو يىغىلىش رىئاكسىيەسى توپلىمىنى چۈشەندۈرگەن.

   بۇ بالا لايىھەلەپ چىققان يادىرو يىغىلىش رىئاكسىيەسى ئەسۋابىنىڭ ياسىلىش تەنەرىخى بەك يۇقىرى ئەمەس بۇلۇپ، 30 يىل خىزمەت قىلالايدىكەن، 50 مېگاۋات دىن 100 مېگاۋاتقىچە توك چىقىرالايدىكەن، بۇ چىققارغان توك 100 مىڭ ئائىلە ئۈچۈن پاكىز ئىنىرگىيە مەنبەسى بۇلۇپ ھېساپلىنىدىكەن. ئەڭ قالتىس بولغىنى يەر ئاستىغا ساقلىنىپ قۇيۇلغاندا، يادىرونىڭ قۇيۇقلۇق دەرجىسى تۆۋەنلەيدىكەن، بۇنداق بولغاندا ئادەمنىڭ بەدىنىگە بولغان رادىئاتسىيەنىڭ تەسىرىنى كىچىكلەتكىلى بۇلىدىكەن.

   بۇ تالانتلىق بالا 10 ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا بومبا ياساپ چىققان. 14 ياش ۋاقتىدا بۇ خىل يادىرو يىغىلىش رىئاكسىيەسى توپلىمىسى ئۈسكىنىسىنى ياسىغان بۇلۇپ، دۇنيادىكى بۇ خىل ئۈسكىنىنى ياسىغان ئەڭ ياش ئالىم ھېساپلىنىدىكەن.

   ۋېيئېرسېن 1994-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاركىنزاس شىتاتىدا تۇغۇلغان بۇلۇپ، دادىسى كېنېس بۇرۇن پۇتبۇل تەنھەركەتچىسى بولغان، كېيىن بىر شىركەتتە خىزمەت قىلغان، ئانىسى يوگا ئۇقۇتقۇچىسى ئىكەن.

   ئۇ 10 ياش ۋاقتىدا، ئىلمىنىتلار جەدىۋېلىنى بىر يەردىن تېپىۋېلىپ بىر ھەپتە ئىچىدە بۇ جەدىۋەلدىكى بارلىق ئىلمىتلارنىڭ نامىنى ۋە خۇسىسيىتىنى يادىلاپ بولغان ۋە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىنتايىن ئېنىق بىلىپ بولغان.

   ئۇ بىر قېتىم ئۆيدىكىلىرىنى ئۆينىڭ ئارقىسىغا چاقىرىپ چىقىپ، بىر بوتۇلكىغا شىكەر ۋە كالىي نىتىرات قاچىلاپ ئاستىدىكى پىلىككە ئوت ياققان، كېيىن قاتتىق "گۇم" قىلغان ئاۋاز چىققان، قوشنىلىرى بۇ ئاۋازدىن قورقۇپ ھەر قايسى تەرەپلەرگە قچىپ كەتكەن.

   ئۇ بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي 11 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە ئانىسىنى كىتاپخانىغا باشلاپ ئاپىرىپ، يادىرو يىغىش رادىئاتسىيەسىگە دائىر كىتاپلارنى ئالدۇرغان ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ خىل ئۈسكىنىگە قىزىقىپ قالغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博