چاۋشيەن ئىلگىرى ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلغان

0 2013-04-10 10:07:39   جۇڭگو ئاخبارات تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئامېرىكا سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى ئەيبىر 8-چېسلا ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەنگە بولغان بىر قىسىم ئاكتىپ پىكىرىنى رەت قىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، چاۋشيەننى يادروسىزلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئوباما ھۆكۈمىتى ئىلگىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن بىۋاسىتە تېلېفون ئالاقىسى قېلىپ «زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكچى بولغان» ، ئەمما بۇ تەكلىپ چاۋشيەن تەرەپتىن رەت قىلىنغان.
   تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەنگە بولغان بۇ پىكىرىنى رەت قىلغان. ئەيبىر بۇ قاراشلارنى رەت قىلغان. ئاڭلاشلارغا ئاساسلانغاندا، چاۋشيەننىڭ ئامېرىكىنى رەت قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغىنىدا ئىكەن.
   ئەيبىر شۇنىڭ بىللە «ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، جىددىيلىك بارغانسېرى پەسىيىپ بارىدۇ»، پەرەز قىلىشقا ئاساسلانغاندا، ھازىرقى ۋەزىيەت ئۇرۇشقا ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ يەنە قارىشىچە، چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا كورىيە پاك گىيۇنخاي ھۆكۈمىتى «مۇۋاپىق بولغان شارائىت ئاستىدا چاۋشيەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش» گە يول قويىدىكەن
 


ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博