ئۈرۈمچىدىكى ئىشسىز ئاياللار 6000 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىنىدۇ

53 2013-04-11 11:23:34   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

      يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىختىساسلىقلار بازىرىدا 150 تىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قاتنىشىدىغان تەكلىپ قىلىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، پائالىيەتكە 100 خىلدىن ئارتۇق 6000 دىن كۆپ ئىش ئورنى قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

    مۇخبىرنىڭ 7–ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈندىكى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى يېزىلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار ئاياللار ۋە ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ئاياللارغا قارىتىلغان.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىككى مەيدان خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدە تەمىنلەنگەن ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 1800 يۈەندىن 3500 يۈەنگىچە بولىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博