28-فېۋرال ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 8-قېتىملىق يىغىن ئېچىپ ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جارۇللا ھېسامىدىننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى قارارىنى ماقۇللىدى .
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ 1-يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى . ‹‹ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2013-يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى›› مۇھاكىمە قىلىنىپ ماقۇللۇقتىن ئۆتتى . ‹‹ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنى تەشكىل قىلغان ئەزالار رېئايە قىلىدىغان تەرتىپلەر (تۈزىتىلگەن لايىھە)›› مۇھاكىمە قىلىنىپ ماقۇللۇقتىن ئۆتتى .
شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېھىم ئابلىز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى . شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي جىپىڭ ، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ئەركىن ھەبىبۇللا ، ما شۆفېڭ ، ئەن جېڭيۈ ، مۇھەممەد باباخۇمار ، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى سۇڭ جاۋگاڭ يىغىنغا قاتناشتى . مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى گاۋ فېڭ ۋە شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ، شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى .
جارۇللا ھېسامىدىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىدىن قالدۇرۇ...
نىگىرىيىدە قەبىلىلەر توقۇنىشى يۈز بېرىپ 19ئادەم قازا قىلىپ 45...
جۇڭگو ئالاھىدە مودىل تاللاش ھەت قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئاياغلاش...
ئەنگلىيەدە 3 ياشلىق قىز يېشى ئەڭ كىچىك بەدەنگە گۈل چىكىش ماھ...
يانارتاغ پارتلىغاندىكى ئۆزگىچە مەنزىرىلەرنىڭ يېقىندىن تار...
ۋاستىچىلىق قىلغان كىشىلەر ۋاستە پۇلنى بەرمىدى دەپ ئۆي سېتىۋ...
روسىيەدە يالغان ئېيتىش بايرىمىنى تەبرىكلەپ قار تېيلىش مۇسا...
ئەنگلىيەدىكى مايمۇنلار بىلەن 5 يىل بىللە ياشىغان ئايال « تەي...