ئۈرۈمچى شەھىرىدە تاكسىلارنىڭ قوزغىلىش ھەققى ئون يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدىكەن

434 2013-04-11 10:21:19   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2010 – يىلى 9 – دېكابىر تاكسىنىڭ قوزغىلىش ھەققىنى ئالتە يۈەندىن سەككىز يۈەنگە تەڭشەش ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچقان. يىغىندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تاكسىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبئىي گاز باھاسى ۋە تاكسىنىڭ يول كىراسى ھەققىنى تەڭشىمىگەن. تاكسىغا ئىشلىتىلىدىغان تەبئىي گازدا مالىيەدىن تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ھەر بىر تاكسىغا كۈنىگە 40 كۇب مېتىرلىق ئۆلچەم بويىچە، ھەر كۇب مېتىرغا 1.99 يۈەن تولۇقلىما بەرگەن، بۇلتۇر 31 – دېكابىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاكسىلارغا جەمئىي 277 مىليون يۈەن تولۇقلىما بېرىلگەن.

   ئىگىلىنىشىچە، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاپتوموبىللارغا ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گاز باھاسىنى ھازىرقى ھەر كۇب مېتىرى 2.08 يۈەندىن ھەر كۇپ مېتىرىنى 4.07 يۈەنگە ئۆستۈرگەن، تەڭشەش نىسبىتى %95.67كە يەتكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاكسىلاردا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان دەسلەپكى ئۈچ كىلومېتىرغا ئالتە يۈەن ھەق ئېلىش، كېيىنكى ھەر بىر كىلومېتىرغا 1.3 يۈەندىن ھەق ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ سەۋىيە ئون يىل تەڭشەلمىگەن. ئاپتونوم رايوننىڭ تاكسى كەسپىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەلىپىگە ئاساسەن، تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقى ئېغىر، كىرىم سەۋىيەسى نىسبەتەن تۆۋەن بولغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى بەلگىلىمىگە ئاساسەن تاكسىنىڭ كىرا ھەققىنى مۇۋاپىق تەڭشەيدىكەن.

   بۇ قېتىمقى ئىسپات ئاڭلاش لايىھەسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تاكسىنىڭ قوزغىلىش ھەققىنى ئالتە يۈەندىن ئون يۈەنگە تەڭشەش؛ ھۆكۈمەتنىڭ تاكسىلارغا بېرىلىدىغان تەبىئىي گاز تولۇقلىمىسىنى بىكار قىلىش، كىرا ھەققى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئاشقان كىرىمنى تەبىئىي گاز باھاسى ئۆسۈشتىن كېلىپ چىققان شوپۇرلارنىڭ تەبىئىي گاز چىقىمىغا ئىشلىتىش، تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ كىرىمى ئاشقاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، بۇ ئارقىلىق تەبئىي گاز باھاسىنىڭ لەيلىمە ھالەتتە بولۇشىغا بوشلۇق يارىتىش.

   ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان 21 ۋەكىل بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: تاكسىنىڭ كىرا ھەققىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  تاكسى شوپۇرى جاڭ شياۋبو مۇنداق دېدى: تاكسىنىڭ قوزغىلىش باھاسىنى ئۆستۈرگەندە، قاتناشنىڭ يۇقىرى دولقۇنى مەزگىلىدىكى ‹‹تاكسى توسۇش تەس›› بولۇش ھالىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، چۈنكى ئىلگىرى ھۆكۈمەت بېرىدىغان تەبىئىي گاز تولۇقلىمىسىنى شوپۇرلار بىۋاسىتە ئۈستىگە ئالىدىغان بولغاچقا، زىيان تارتماسلىق ئۈچۈن، چوقۇم ۋاقتى – قەرەلىدە قاتنايدىغان بولىدۇ، قاتناشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىدا تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ يولغا چىقمايدىغان ئەھۋاللىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

  ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، تاكسى تىجارەتچىلىرى، ئاممىۋى قاتناش شىركىتى، ئىستېمالچىلار ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكىلەر تەكلىپ قىلىندى، ئۇلار تاكسىنىڭ كىرا ھەققىنى ئۆستۈرۈش كېرەكمۇ – يوق؟ دېگەن تېمىدا تەكلىپ – پىكىر بەردى.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش – تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى باھانى تەڭشەش ئارقىلىق كۆپلىگەن كىشىلەرنى ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بايلىق مەنبەسنىڭ مۇۋاپىق تەڭشىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر تاكسى ھەققىنى تەڭشەش لايىھەسىگە پىكىر – تەكلىپلەرنى بەرگەندىن كېيىن، يەنە ئاپتوماتىك تالون چىقىرىش، تېلېفون ئارقىلىق تاكسى زاكاز قىلىش ئىشلىرىنى تېزرەك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博