ئۈرۈمچىدىكى 79 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدىكى كوچا ئاپتوبۇسلىرى يازلىق ۋاقىت ئىشلىتىشكە باشلىدى

235 2013-04-12 10:21:29   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

     15-ئاپرېلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 79 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسىدىكى كوچا ئاپتوبۇسلىرى يازلىق ۋاقىت ئىشلىتىشكە باشلىدى. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، تۇنجى ئاپتوبۇس 10 مىنۇت بۇرۇن ئىشقا چىقىدىغان بولۇپ، ئاخىرقى ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 30 مىنۇت كېچىكتۈرۈلىدىكەن.

   10-ئاپرېل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گورۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھاۋانىڭ ئىسسىشى ۋە <<كاتەكچە>> شەكىللىك يولنىڭ 2-باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشى تەسىرىدە، شەھەر ئاممىسى ئۆيدىن بالدۇر چىقىپ، كېيىن قايتىشقا مەجبۇر بولغان. شەھەر ئاممىسىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا تېخىمۇ قۇلايلىق شارائىت يارىتىش ئۈچۈن، ئاممىۋى قاتناش گورۇھىنىڭ 65 لىنىيەسىدىكى ئاپتوبۇسلار ۋە شىنشىڭ شىركىتىنىڭ 14 لىنىيەسىدىكى ئاپتوبۇسلار 15-ئاپرېلدىن باشلاپ يازلىق ۋاقىت ئىشلىتىدىكەن. شەھەر ئىچىدىكى ئاپتوبۇسلار شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 5:50 ~ 5:20 دە، شەھەر ئەتراپى رايونلىرىدا قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلار سائەت 6:00 ~ 5:30 دە يولغا چىقىدىكەن. شەھەر رايونىدا قاتنايدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئاپتوبۇس سائەت 8:00 ~ 10:00 دە يولغا چىقىپ، شەھەر ئەتراپىدا قاتنايدىغان ئاپتوبۇسلار سائەت 8:30 ~ 7:10 دە يولغا چىقىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博