تۇنجى تۈركۈمدىكى ‹‹ئەڭ گۈزەل ئۈرۈمچىلىكلەر››دىن لى تيەنشى (سولدىن 1-كىشى)، فەن سوڭپىڭ (ئوڭدىن 1-كىشى)، ئېزىز (ئوتتۇرىدا) قاتارلىقلار ئەخلاق دەرسخانىسىدا مۇكاپات تاپشۇرۇۋالدى
11-ئاپرېل تۇنجى تۈركۈمدىكى ‹‹ئەڭ گۈزەل ئۈرۈمچىلىكلەر››دىن لى تيەنشى، فەن سوڭپىڭ، ئېزىز قاتارلىقلار ئەخلاق دەرسخانىسىدا مۇكاپات تاپشۇرۇۋالدى. شۇ كۈنى ‹‹پۇقرالار ئەخلاق ناخشىسى›› ساداسى ئىچىدە، ئۈرۈمچىنىڭ يېزا-بازارلىرىدىكى كادىرلارنىڭ تۇنجى دەرسخانىسى ـــ ‹‹ئەخلاق دەرسخانىسى››نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى.
‹‹ئەخلاق دەرسخانىسى›› پائالىيىتىدە ‹‹بىر ناخشا ئاڭلاش، بىر قىسقا فىلىم كۆرۈش، بىر ھېكايە سۆزلەش، تەنقىد ئېلىپ بېرىش، نادىر ئەسەرلەرنى دېكلاماتسىيە قىلىش، بەخت تىلەش›› قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پۈتۈن شەھەردىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشىدىغان ئېسىل كەيپىياتنى تەشۋىق قىلىندى.