‹‹جۇڭگو چاۋشيەننى تاشلىۋەتمەيدۇ››

02013-04-15 10:18:49   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  ئامېرىكىدىكى <<ئاتلانتىك ئوكيا>> ئيلىق ژورنىلى تور بېكىتى يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: چاۋشيەننىڭ رەھبىرى كىم جۇڭئۇن يادرو پىلانىىن قايتا باشلاشقا قەسىم قىلدى، چاۋشيەن بىلەن كورىيە ئارىسىدىكى 60 يىللىق تارخقا ئىگە ئۇرۇش ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنى بىكار قىلىۋەتتى، يەنە كورىيەلىك ئىشچىلارنىڭ چاۋشيەن كورىيە مەبلەغچىلىكىدىكى كائېسۇڭ سانائەت باغچىسىغا كىرىشنى چەكلىدى، بۇ سانائەت باغچىسىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ يارىشىش ناماياندىسى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن مەسىلىسىدە دائىم كۆرۈلىدىغان دەۋرىيلىك باشلاندى: پىيۇڭياڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىدى، ۋاشىنگتون غەزەپلەندى، بېيجىڭ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

  بېيجىڭنىڭ چاۋشيەن مەسىلىسىنى ھەل قىلغان چاغدىكى كەم سۆزلۈكى مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا ئادەمنى قېيىن ئەھۋالغا قويىدۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن بېيجىڭ دېڭىز-ئوكياندىكى مەنپەئىتىنى قوغداشتىن يانمايدىغان، ياپونىيە ۋە فلىپپىن قاراتلىق دۆلەتلەر بىلەن قارشىلىشىشتىن قورۇقمايدىغان دۆلەت. جۇڭگو چاۋشيەننىڭ بىردىنبىر ئىتتىپاقدىشى. دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئېيتىشىچە، چاۋشيەننىڭ %90 ئېنېرگىيەسى، %80 ئىستىمال بۇيۇمى ۋە %45 يېمەكلىكى جۇڭگودىن كېلىدىكەن. ئەگەر جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن مۇناسىۋىتىنى تۇيۇقسىز ئۈزۈشنى قارار قىلسا، چاۋشيەننىڭ ھالاك بولىدىغانلىقى ئېنىق.

  بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ نېگىزى شۇكى، جۇڭگو چاۋشيەننىڭ گۇمران بولۇشىنى خالىمايدۇ. چۈنكى چاۋشيەنگە بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، چاۋشيەنلىك مۇساپىرلار جۇڭگوغا كەلكۈندەك ئېقىپ كىرىشى مۇمكىن، بۇ چاغدا جۇڭگو تولىمۇ ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، چاۋشيەننىڭ يامان تەقدىرى جۇڭگونىڭ شەرىقى شىمال قانىتىدا بىرلىككە كەلگەن ئامېرىكا پەرەس دۆلەتنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ، تاھازىرغا قەدەر ئامېرىكىنىڭ مەنپەتىنى توسۇيدىغان قىممەتلىك قالقان غايىپ بولىدۇ، شۇڭا كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ ئىش شۇكى، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو چاۋشيەنىنى خاتىرجەم قىلش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش ھەققىدە ۋەدە بېرىدۇ، .ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىيارتىنى كۆزىتىدۇ.